شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» سەرلەۋھەلىك باش ماقالىدە 2014-يىلى «2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.
ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئانالىزچىلاردىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان 5 يىلنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ئەڭ زۇلمەتلىك 5 يىل دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ 5 يىلدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈزلەنگەن 5 يىل دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ 5 يىل شىنجاڭ ئۈچۈن ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ 5 يىل شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرگە مۆلچەرلىگۈسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رايوننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بىر قارا سايە تاشلىدى. ئەگەر بۇ 5 يىلنىڭ ياخشى بىر تەرىپى بار دېسەك، بۇ دەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايونغا بولغان چۈشىنىشىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدۇر. يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتتە شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارىتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەش ۋەزىيىتى مەيدانغا كەلدى. مەن بۇ تەرەپلەرنى بىر نەتىجە دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى يازمىلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان «بەش يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. رايوندا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى كۈچەيگەنلىكى ئۈچۈن رايوننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى،» دېگەن بايانلارغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا كېڭەيتىش ئېھتىمالىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى: «ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى رايوندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش شۇنداقلا بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش مودېلىنى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا كېڭەيتىشتۇر. بۇ خىل خەۋپ-خەتىرى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي «ئاجايىپ نەتىجىلەر قولغا كەلدى» دەپ مەدھىيەلىگەن ئۆتكەن بەش يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى زۇلمەتلىك 5 يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان شىنجاڭدا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ماھىل قىلىش» بويىچە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سان-سىپىرلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ 5 يىلدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ماقالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى قىسمىدا «2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە شىنجاڭ جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نامراتلىق نىسبىتى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 19.4 پىرسەنتتىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 6.1 پىرسەنتكە تۆۋەنلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلدى. 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، يېزىلاردا جەمئىي 8 مىليون 305 مىڭ ئادەم قېتىم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى،» دېيىلگەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىگە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ھېسابىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كىرىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ 5 يىلدا رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىز-ئوغۇللىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە توشۇلۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېر ئىچىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، ھەقسىز قىممەت يارىتىشقا زورلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ماقالىدىكى «مائارىپ ساھەسىدە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 96.9 پىرسەنتكە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 94.2 پىرسەنتكە يەتتى،» دېگەن بايانلارغا قارىتا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ بەش يىلدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدىكى يوقىتىش ئەڭ ئېغىر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مائارىپتا خىتايچىلاشتۇرۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ‹يەسلى› ياكى ‹پەرىشتىلەر مەكتىپى› دەپ ئاتالغان بالىلار لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان «داۋالىنىشتا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، سالامەتلىكى سۇغۇرتىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى،» دېگەن بايانلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دېگەن نامدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ گېن تەجرىبە ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىنىپ، ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00