د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئىنىسى خۇشتار ئەيسا 1998‏-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىللىق كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىدى. ئۇ 2017‏-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، ئۇ سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا قايتا تۇتۇلغان ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر خىتاي دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايگۇل مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم ياشۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان كۈنىدە دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ھەدىسىنى ئېكراندا سۆزلىتىپ، دولقۇننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاقسۇدا خاتىرجەم ياشۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئەمما دائىرىلەر دولقۇن ئەيسا 4 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان ئاكىسى يالقۇن ئەيسا ۋە ئىنىسى خۇشتار ئەيسالار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئوتكەن ھەپتە ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، دولقۇننىڭ ئاكىسى يالقۇن ئەيسا ۋە ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر ئاخبارات يىغىندا بۇ ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭ خادىمى خۇشتار ئەيسا ۋە يالقۇن ئەيسانىڭ دېلولىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، خۇشتار ئەيسا 1996-يىلى شىئەن قاتناش ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاكىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «سىياسىي مەسىلىسى» تۈپەيلى بىر مەھەل خىزمەت تېپىشتا قىينالغان. ئۇ خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى بايقىلىپ، 1998-يىلى 2 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دولقۇن ئەيسانىڭ ئائىلىسىنى يېقىندىن تونۇيدىغان، نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىزچىنىڭ دېيىشىچە، خۇشتار ئەيسا جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققاندىن كېيىن، بىر دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ «ئەردەبىل» نامىدا بىر رېستوران ئاچقان. مەلۇم بولۇشىچە، خۇشتار ئەيسا سەۋەپلىك مەزكۇر رېستورانغا كىرىپ چىقىۋاتقانلار، ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزچىل نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن، خۇشتار بۇ رېستوراندىكى شېرىكچىلىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇ بىر مەزگىل ئاقسۇدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ۋە شوپۇرلۇق نەزەرىيەسىدىن دەرس بەرگەن. ئاقسۇدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ خادىمى خۇشتارنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرى «شىنيۈن شوپۇرلۇق مەكتىپى» دە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە يىلدىن بېرى جەمئىيەتتە" «كۆرەنمەس» بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، خۇشتار ئەيسا 2017‏-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، ئۇ سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا ئىشلەۋاتقان شوپۇرلۇق مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئىككى يىلغىچە ئاقسۇدىكى بىر لاگېردا «تەربىيە» ئالغان. دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى يىل داۋامىدا ئۇنىڭ ھاياتى بويى ئۆتكۈزگەن پۈتۈن «خاتا» لىقلىرىدىن ھېساپ ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىشدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارا تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانغا قەدەر بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى «ئەكسىلئىنقىلابىي ھەركەتلەر» دەپ قارالغان؛ ئۇنىڭ ئاكىسى دولقۇن ئەيسانىڭ كونا دوست ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئۆزى ھۆرمەت قىلغان داڭلىق زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىشى بولسا «تېرورلۇققا تەييارلىق قىلىش» دەپ بېكىتىلگەن؛ ئۇنىڭ يۇرتتىكى تونۇلغان دىنىي زاتلار بىلەن جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇچراشقاندا قىزغىن مۇڭدىشىشلىرى بولسا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ ئەيىبلەنگەن. نەتىجىدە خۇشتار ئەيساغا ئوندىن ئارتۇق «جىنايەت» نىڭ قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى خۇشتار ئەيسا خىزمەت قىلغان مەكتەپنىڭ «يوڭئەن شوپۇرلۇق مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى ۋە خۇشتارنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە خۇشتار ئەيسا بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر مەكتەپتىن 5 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما قالغان ئۈچىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى خۇشتار ئەيسانىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

مۇھاجىر ھەبىبۇللا ئىزچى ئۆزىنىڭ خۇشتار ئەيسا بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى، نام-شەرىپىنى ئاڭلاپ تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ قېرىندىشى بولۇشتىن باشقا، ياراملىق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دولقۇن ئەيسانىڭ ئاكىسى يالقۇن ئەيسانىڭ كېسىلگەنلىك ئۇچۇرى تېخى دەلىللەنمىدى.