يالغۇز كىشىلىك نامايىشچىلار: «دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمىسۇن»

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ 2017-يىلى باشلانغان بىر مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىش ۋەزىيىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەم خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا بېسىم نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خەلقئارا سەھنىلەردە بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ ئۆزىنى ئاقلاپ كەلدى.

ئەمما، 2020-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن خىتايدا تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا يامراشقا يۈزلىنىشى ۋەھىمىسىدە، خەلقئارادا دىققەتنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ئەمما بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا، ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى ئارقىلىق تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گوللاندىيەدىكى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئالىمەسى مايسەم مۇتەللىپ خانىم ۋە گېرمانىيەدىكى ئابدۇللا توختى ئارىش ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملاشقان «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيەسىنى تۈگىتىش»، «كەسپىي تەربىيەلەش» قاتارلىق ناملاردا، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە شەخسىي گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە ئايلانغان «يالغۇز كىشىلىك نامايىشچى»، «مۇستەقىل پائالىيەتچى» بولۇپ تونۇلغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ بارلىققا كەلدى.

دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، «يالغۇز كىشىلىك نامايىشى» ئارقىلىق، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەرگە ئاڭلىتىشنى بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، گوللاندىيەدىكى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى، گېرمانىيەدىكى ئابدۇللا توختى ئارىش ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتا تونۇلغان پائالىيەتچىلەردۇر.

ئۇلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى باشلىشى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلەر ۋە نۆۋەتتە خىتايدا تارقالغان كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى دۇنيانى قاپلىغان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈشتە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ۋە شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتىكى ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.