خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا «جازا لاگېرلىرى» قۇرۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى بۇ يەرلەرگە سولىغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلگەنىدى. نۆۋەتتە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. بۇلاردىن بىرى ھازىر گېرمانىيەنىڭ شىتۇتتگارت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىدۇر. ئۇ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، شىتۇتتگارت ۋە لۇدۋىگسبۇرگ شەھەرلىرىدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. ئۇ، ھازىر گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكتە.
ئابدۇللا ئارىش تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىش پائالىيىتىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىدىن شىتۇتتگارت شەھىرىدە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيەنىڭ شىتۇتتگارت شەھىرىدىكى شىلوس مەيدانىدا باشلىغانىدىم. 24-چېسلاغىچە ئۇدا 10 كۈن يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلدىم. 24-چېسلادىن كېيىن ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىم. كېيىن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا نامايىش قىلىپ كېلەي دەپ كەلدىم».
ئۇ، شىتۇتتگارت شىلوس مەيدانىدا ئېلىپ بارغان يالغۇز كىشىلىك نامايىشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىلوس مەيدانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتتە چوڭ بىر تاختىغا›شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق‹دېگەن خەتنى يېزىپ قويدۇم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگېرلىرىدا بولۇۋاتقان ئىشلار، جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلدۇرۇشى، ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىشى، مەسىلەن مەسچىتلەرنى چېقىشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى رەسىملەرنى تىزدىم. ئەڭ مۇھىمى كۆرگەزمىدە سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئېنىقلاپ چىقىلغان لاگېرلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چوڭ لوزۇنكىنى قويدۇم».
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىن 5 كىشى لاگېرغا تاشلانغان بولۇپ، ئۇ، بۇلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن لوزىنكىنىمۇ كۆرگەزمىگە قويغان. ئۇ، بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كىچىك شەھەر ۋە يېزىلاردىكى گېرمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەن. ئۇ، بۇنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 1899-يىلى چەتئەلدە نەشر قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ خەرىتىسىنى قويۇپ، ئۇ يەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1899-يىلى سىزىلغان چوڭ خەرىتىسى بىلەن 1920-يىلى سىزىلغان بىر خەرىتىنى ۋە 1949-يىلى سىزىلغان يەنە بىر خەرىتە بولۇپ 3 خەرىتىنى قويدۇم. بۇنى قويۇشۇمدىكى سەۋەب 1899-يىلى سىزىلغان خەرىتىدە خىتاي ئىمپېراتورلۇقى بېسىۋالغان زېمىنلار دەپ مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە، تىبەت قاتارلىق جايلار كۆرسىتىلگەن. 1920-يىلى بېسىلغان خەرىتىدىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن. بۇ خەرىتىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتساق كىشىلەر قايىل بولىدىكەن. بۇ بەك ياخشى ئۇسسۇل ئىكەن».
گېرمانىيەنىڭ شىتۇتتگارت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى ئۆزىنىڭ 6-ئاۋغۇست كۈنى باشلاپ، 8-ئاۋغۇست كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جازا لاگېرىغا تاشلانغانلىقىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىشى بولسا «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا تەييارلىغان يازما دوكلاتىنى گېرمانىيە پارلامېنتىغا بېرىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارزۇسىنىڭ 6-ئاۋغۇست كۈنى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېرلىندىكى نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئاللار سورىغان. بىر گۇرۇپپا زىيارەتچى خوڭكوڭلۇقلارمۇ كېلىپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.
بىز ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى بىلەن بىرگە گېرمانىيەنىڭ لۇدۋىگسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان توختىرۇزى ئوبۇل ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئابدۇللا ئارىشنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە بۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىسىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، گېرمانىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇۋەلى توختى ئارىش 2017-يىلى، 10-ئايدىن باشلاپ لاگېردا ئىكەن، ئۇ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، قارىتال خەلقئارا سودا شىركىتى راۋان يول ئۇيغۇرچە يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئىكەن. قېيناتىسى ھەسەن غوپۇر مارالبېشى ئاۋام ياغ زاۋۇتىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، ئۇمۇ 2017-يىلى 10-ئايدا لاگېرغا تاشلانغان. سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئەسقەر ئەخەت 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ چاڭئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
ئابدۇللا ئارىش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن 5 كىشى جازا لاگېرلىرىدا ئىكەن. ئۇ، گېرمانىيەگە يېڭى كەلگەن بولسىمۇ، كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىۋەتكەن.
0:00 / 0:00