ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتا ئەڭ دەسلەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قاتلامنىڭ بىرى ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسى بولدى.
ئانالىزچىلار بىردەك «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدا بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارغا قارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى بۇ ئىشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىندى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئۆتكۈر يازمىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىمۇ قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
يالقۇن روزى قولغا ئېلىنىپ مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرك رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ دادىسى ھەققىدىكى بەزى ئويلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىقى ئۇلانمىدىن بۇ قېتىمقى قىسقا سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00