2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان قارار، ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم ماقۇللانغان قارار ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە «ئۇيغۇر» ئىسمى ئېنىق يېزىلغان رەسمىي بىر قارارنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بۇ تارىخىي مىنۇتلارغا شاھىتلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندى ئۇيغۇر قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قارارنامىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىدى. مەن بۇ تارىخىي مىنۇتلارغا شاھىت بولۇپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم».
ئارقىدىن ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قارارنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « قاراردا، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر توپلاش، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىپ بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئەتراپلىق بولغان قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى ياپون ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغان».
مەلۇم بولغىنىدەك 1-ئاينىڭ 20-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ سانى 8 گە يەتتى. يەنى 2021-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، چىخىيە، لىتۋا، فىرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىدى. ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» گە قول قويمىغان 150 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ ئىچىدە يوقلىقىنى، شۇڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىيالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئاۋاز)
ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ قاراردا گەرچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېيىلمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئاۋاز)
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا باشتا دېموكراتىك غەرب ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ دۇنياۋى قىممەت قاراش بولغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئاۋاز)
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىيو كىشىدا ئەپەندى بۇ قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى تەيىنلىگەنلىكىنى، بۇلارغا قارىغاندا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئاۋاز)
2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ قارار ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، يامان غەرەز بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە تۆھمەت قىلغان. خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقان ئىنتايىن پەسكەش قىلمىشتۇر. خىتاي خەلقىگە قىلىنغان ئېغىر سىياسىي ھۇجۇمدۇر».