ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغول ۋە خوڭكوڭلۇقلار ياپونىيە پارلامېنتىغا تەلەپ خېتى سۇنغان
2023.04.20

19-ئاپرېلدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەدىكى تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ياپونىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئاساسلىق گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەلەردىن بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق مەتبۇئات خادىمى قاتناشقاندىن. ئۇندىن باشقا يەنە 2 نەپەر دۆلەت پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كاتىپى قاتناشقان. ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ باش كاتىپى مىسۇباياشى خىرومى ئەپەندى بىلەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىشىكاۋا ئاكىماسا ئەپەندى 4 تەشكىلاتنىڭ تەلەپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پارلامېنت ئەزاسى ئىشىكاۋا ئاكىماسا ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆزلىگەن سۆزلەرگە مەن بۇرۇندىن تارتىپلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. مەن بۈگۈن G7 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، 4 مىللەت ۋەكىللىرى سۇنغان تەلەپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىز بۇ تەلەپ خېتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز. تۆنۈگۈن G7 دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئاخبارات باياناتىدىمۇ سىلەر سۇنغان تەلەپلەرنىڭ بەزى ماددىلىرى تىلغا ئېلىنغان. ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ تەلەپ خېتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى مەن ياخشى بىلىمەن. بىز بۇ تەلەپ خېتىنى ھۆكۈمەتكە سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ يىل سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. مەزكۇر 7 دۆلەت گۇرۇھىغا ئاۋازىمىزنى، يەنى تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن بىز تىبەت، موڭغول ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە پارلامېنتىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى يەنە بىر مەقسىتىمىز، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تېخىچە ئەمەلىي قەدەم تاشلىمىدى. بۇ جەھەتتە ياپونىيە باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىراز كەينىدە. ياپونىيە پارلامېنتىمۇ بۇ جەھتتە تېخى ئەمەلىي بىر قەدەم تاشلىمىدى. ئۆتكەن يىلى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغول ۋە خوڭكوڭ دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىشىپ خىتايغا قارشى چوڭ بىر گۇرۇپپىنى قۇرغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭمۇ ھازىرغىچە ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قىلغىنى يوق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇلارنى ئەسكەرتىش ۋە نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىش مەقسىتى بىلەن بۇ يىغىننى چاقىردۇق.»
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق G7 دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يوقىرىقى 4 مىللەتنىڭ تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىدا سۇنغان تەكلىپتە G7 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
بۇ يىغىنغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەلەپ خېتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۆز ۋەتەنلىرىدە دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقان بولدى. بۇ 4 مىللەت زۇلۇمنى ئاڭلاتقاندىن باشقا تەلەپلىرىمىزنى يازما ھالدا دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا سۇندۇق. بۇنىڭدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۈچۈن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىشىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنى، ياپونىيەنىڭ تېخنولوگىيەسىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي شىركەتلىرىگە ساتماسلىقىنى ۋە G7 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدا بولۇۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدۇق.»
ساۋۇت مەمەت ئەپەندى ئاخىرىدا ياپونىيە پارلامېنتىدا يېقىندىن بۇيان 4 قېتىم مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ خىل مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنىڭ ياپونىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.