ياپونىيە پارلامېنتىدا ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى

ياپونىيە پارلامېنتىدا ياڭرىغان ئۇيغۇر ساداسى بۈگۈن توكيو ۋاقتى 30-ئۆكتەبىر، دۈشەنبە. ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن، يەنى دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 9 دا ياپونىيە پارلامېنتىدا رەسمىي باشلاندى. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر جەم بولغان ھەيۋەتلىك يىغىن زالىدا ئالدى بىلەن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇندالدى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى قويۇلدى. بۇ جەرياندا يىغىن ئەھلى بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.