11-دېكابىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەنە بىر شۆبىسى-ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان. شۇ كۈنى ياپۇنىيەدە تۇرۇشلۇق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كېڭىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياپۇنىيە شۆبىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلغان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپۇنىيە شۆبىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھېمىت قاراخان يېتەكچىلىك قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن كۈچلۈك سەرخىللار قوشۇنى تەشكىللەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپۇنىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۇختەر ئورخۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نىشانلىرى ۋە خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيىسىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە نۇرغۇنلىغان سەرخىل مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىقتى. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياپونىيە شۆبىسى ئارقىلىق تۈرلۈك ساھەدىكى زىيالىيلارنىڭ كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات كۈچىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نىشانلىرىنى ئىلمىي ئاڭ ۋە ئىلمىي سەۋىيەدە ئېلىپ بارالايدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى ئىنتايىن مۇھىم.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ قۇرۇلۇش زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر جەمئىي 7 دۆلەت ۋە قىتئەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى مەۋجۇت، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، قۇتادغۇ بىلىك ئىنستىتۇتى ۋە ئانا تىل كومىتېتىمۇ بار. مەلۇم بولغىنىدەك، ياپونىيە ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بىلىم ئىگىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچىنى قېزىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈگىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، زىيالىيلارنىڭ ئەقلىي بايلىقىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى زۆرۈر بولماقتا.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىللىك ئاساستا ھەرىكەت قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەۋلان مەخمۇت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كونكىرېت پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇندىن كېيىن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنى ۋە بىلىم ئىگىلىرىنى قەرەللىك ھالدا ھەر تۈرلۈك كەسپى لېكسىيەلەرنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرىمىز، شۇنداقلا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ تۇرىمىز. ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياشلىرىمىزغا يول كۆرسىتىشكە، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشقا، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ھەمدەمدە بولىمىز. بىز يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادىمىيەلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز. تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇش، بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسىدىكى ياشلىرىمىزغا ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى ئالاقىلىشىپ بېرىمىز. ئۇلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش، خىزمەت تېپىش قاتارلىق ئىشلىرىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيەلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۈلگە ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، كەم قالغان خىزمەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بوشلۇقلارنى داۋاملىق تولدۇرىمىز.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا، 2019-يىلى ئاۋسترالىيەدە، 2020-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا، 2021-يىلى كانادا ۋە ياپونىيەدە شۆبىلىرىنى قۇرغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال ھەركەت قىلىپ كەلمەكتە.