ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق دەرھال قانۇن چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياپونىيەدىكى بىر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېنىڭ بىر نەپەر پروفېسسورى بىرلىكتە، ياپونىيەدە كۆزىتىش ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىپ خىتايغا سېتىۋاتقان 7 شىركەتكە بىرلەشمە مەكتۇپ ئەۋەتكەن ۋە بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلغان. بۇ 7 شىركەتتىن 6 شىركەت ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ 6 شىركەتتىن ئالغان جاۋابغا ئاساسەن مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئاساسلىق گېزىت-ژورناللار ۋە تېلېۋىزىيەلەردىن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق مەتبۇئات خادىمى قاتناشقان. ئۇندىن باشقا يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىتو كازىكو خانىم، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاكو توموكو خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ يىغىنغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مىتسۇباياشى خىرىمى ئەپەندى بىلەن ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان ساكۇرايى شىيۇ ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە بۇ مەسىلىنىڭ ياپونىيە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بىلەن ياپونىيەدىكى HRN كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىتو كازىكو خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 20-يانۋار.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ دوكلاتنى تەييارلاش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىلى 5-ئايدا ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دەپ ئىسىم قويغان جازا لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان رەسىم ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلىنىپ، دۇنيادا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ ئىچكىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلىنىپ بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى بۇلتۇر 6-ئايدا ئامېرىكادىكى بىر كەسپىي تەكشۈرۈش ئورگىنى مۇشۇ ئىچكىي ھۆججەتتىكى رەسىملەرنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ سىگنالىغا ئاساسەن لاگېرغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى تارتقان سۈرەتكە تارتىش ئاپپاراتنىڭ زاپچاسلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن خىتايدا ئىشلەپچىقىلغان شۇ ئاپپارات بىلەن ئوخشاش تىپلىق كامېرادىن بىرنى سېتىۋېلىپ، بۇنى ياپونىيەدىكى كەسپىي ئورۇنغا تاپشۇرۇپ تەكشۈرتكۈزدۇق. مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن زاپچاسلارنى تەكشۈرتۈپ، بۇ زاپچاسلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاتقۇزدۇق. بۇ كۆزىتىش ئاپپاراتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كۆزىتىش ئاپاراتلىرىنى ئىشلەيدىغان Hikvision شىركىتىنىڭ ئاپپاراتى بولۇپ، بىز بۇنى تەكشۈرتكۈزسەك، بۇ ئاپپاراتنىڭ ئىچىدە تەيۋەن، كورىيە شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلاردىن سىرت، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ زاپچاسلىرىدىن جەمئىي 7 شىركەتنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.»

ئۇ يەنە خىتايدىكى خىكۋىزيون (Hikvision) شىركىتىگە كۆزىتىش ئاپپاراتى زاپچاسى ساتقان ياپونىيەدىكى 7 شىركەتكە خەت يېزىپ، ئۇلاردىن كەلگەن جاۋابغا ئاساسەن مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ئېنىقلاپ چىققان 7 شىركەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياپونىيەدىكى بىر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېنىڭ بىر نەپەر پروفېسسورى بىلەن بىرلىكتە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. بۇ 7 شىركەتتىن 6 شىركەت بىزگە جاۋاب قايتۇردى. بىر شىركەت جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ 6 شىركەتتىن ئالغان جاۋابغا ئاساسەن بىز بىر دوكلات تەييارلاپ بۇ دوكلاتنى بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئىچىدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئېلان قىلدۇق.»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ياپون پارلامېنت ئەزالىرى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە تېخنولوگىيەسىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى قالىدىغان بىر قانۇن چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيەدىكى ئاساسلىق چوڭ گېزىت-ژورنال ۋە تېلېۋىزيەلەردىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق مەتبۇئات خادىمى ئىشتىراك قىلدى. شۇنداقلا ئىككى نەپەر غوللۇق پارلامېنت ئەزاسى قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە بۇ مەسىلىنىڭ ياپونىيە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ چوقۇم بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغان، ياپونىيە تېخنولوگىيەسىنى مۇشۇنداق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە قالايمىقان ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ جاۋاپكارلىىرىنى جازاغا تارتىدىغان قانۇنلارنىڭ ياپونىيەدە چوقۇم ماقۇللانمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىن ھۆكۈمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.»

ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان HRN كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىتو كازىكو خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ياپونىيەدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تېخنىكىلارغا چەك قويۇش مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئېكسپورت قىلىنىدىغان تېخنىكىلارغا چەك قويۇش توغرىسىدا مۇنازىرە يوق. پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭغا جىددىي قارىشى، ھۆكۈمەت تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن.»

ئىتو كازىكو خانىم يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش قىلمىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىدە شەك يوق. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، لاگېرنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ ۋە سىرتىدىكىلەرمۇ ئوخششلا قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان. ئەھۋال ناھايىتى قورقۇنچلۇق. بۇنداق دەھشەتلىك نازارەت سىستېمىسى ياپوننىڭ تېخنولوگىيەسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ھەممىمىز تونۇپ يېتىشىمىز بەك مۇھىم.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنىڭ ياپونىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.