ياپونىيەلىك تونۇلغان ژۇرنالىست تاكىتا ماكىكو: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش مەتبۇئاتنىڭ بۇرچىدۇر»

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ داۋام قىلماقتا.

27-چىسلا توكيودا «خىتاي ياپونىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى ئاساسىي تېما بولغان. يىغىندا سۆز قىلغان ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئايلىق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «سېيرون» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست تاكىتا ماكىكو خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇرچى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ دەھشەتلىك جىنايەتنى كارخانىچىلارغا، سىياسىيونلارغا بىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ياپون جەمئىيىتىدە كۈچلۈك جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش زۆرۈر. جامائەت پىكىرى كۈچەيسە تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ بەس-بەستە ئاڭلىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ».

مەزكۇر يىغىندا ژۇرنالىست تاكىتا ماكىكو خانىم، ياپونىيەدىكى ئانالىزچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندى ۋە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر سۆز قىلغان.

ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى تاكاخاگى شەھەرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بىلەن. 2023-يىلى يانۋار، ياپونىيە.
ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى تاكاخاگى شەھەرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بىلەن. 2023-يىلى يانۋار، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

«خىتاي ياپون پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟» تېمىسىدىكى يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە قانداق ئاڭلىتىش، نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا بەس مۇنازىرە بولغان. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى تاكاخاگى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. بۇ خىل كۆرگەزمە يەنە مەزكۇر ئۆلكىدىكى سۇكۇبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىمۇ ئېچىلماقتا.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇلارنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش بولۇپ تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەدىكى ئىككى شەھەرنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسى ئىچىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. كۆرگەزمىدە جەمئىيىتىمىز لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان كارتون كىتابلارمۇ تارقىتىپ بېرىلدى».

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى تاكاخاگى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. 2023-يىلى يانۋار.
ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى تاكاخاگى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. 2023-يىلى يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ياپونىيەدىكى تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە ھەر ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە 100 قېتىمدىن كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى سۇكۇبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بەزى ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن باشلانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى 28-چېسلا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.