ياپونىيەنىڭ ئىباراكى رايونىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر كۆرگەزمە «خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش» تەشكىلاتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتچىلەر بۇ تۈردىكى كۆرگەزمە ۋە ئاممىۋىي پائالىيەتلەرنى ياپونىيەنىڭ يېزا-بازار ۋە ھەرقايسى شەھەرلىرىگە كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپون خەلقىگە تەپسىلىي ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
«خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كانازاۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مېڭە يۇيۇش، ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكى، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋىتىش، قىيناش، يوقىتىش، تەشكىللىك باسقۇنچىلىق، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىدىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ياپونلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بۇ ھەقىقەتنى تېخىچە بىلمەيدۇ. ئەگەر ياپونلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى بۇ ھەقىقەتنى بىلسە، چوقۇم بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدۇ.»

كانازاۋا خانىم يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرىقى نىشانىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدۇر. دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئىنتايىن مۇھىم. بىز خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا باش ئەگمەيدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى ۋە يېڭىچە ياپونىيەنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تەشكىلاتىمىز ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ياپونلارنىڭ ئويغىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمەن.»
مەزكۇر كۆرگەزمە پائالىيىتى 24-ئىيۇل كۈنى باشلانغان بولۇپ، 30-ئىيۇل كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشقا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، خىتاي كۆچمەنلىرى، يادرۇ قورالى سىناقلىرى، يىغىۋېلىش لاگېرى قاتارلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان.
ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قېلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمە پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋۇمېدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ كوچا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنستىتۇتى قۇرۇش، پۇقرالار مەركەزلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتابچە تارقىتىش، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايونلار ئارا گۇرۇپپا كۆرگەزمىسى ۋە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ياپونىيەدىكى يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«يەرلىك كېڭەشكە ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. يەرلىك كېڭەش ئۇيغۇرلار توغرىلىق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنى بۇ مەسىلىدە ئاۋاز چىقىرىشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا تايىنىپ خىتاينى ئەيىبلەشكە، شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا چاقىرالايدۇ. يەرلىك كېڭىشنىڭ مۇراجىئەتنامە شەكلىدە بۇ ھەركەتنى قوللىشى ناھايىتى مۇھىم. بىز سەمىمىي بولغان يەرلىك كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قەھەتتە توختىماي خىزمەت قىلىمىز.»

ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ساۋۇت مەمەت زىيارىتىمىز داۋامىدا ياپۇنىيەدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى.