ياپونىيەدە دۆلەت ئىدارىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش داۋاملاشماقتا

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.08.01
yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-1.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-2.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاراقچە تارقىتىش پائالىيىتىدە خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-3.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-4.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-5.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدە د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى مەلۇمات بەرمەكتە. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

yaponiyede-uyghur-mesilisini-tonushturush-6.jpg

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ۋوگزالغا قويۇلغان تەشۋىقات تاختىلىرى. 2023-يىلى ئىيۇل، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيەدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ۋە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە 3 كۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، كوچىدا نۇتۇق سۆزلەش ۋە ۋاراقچە تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پىدائىيلاردىن سىرت، 10 نەپەر شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە 2 نەپەر دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزاسىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، كۆرگەزمىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى سۈرەتلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىنىڭ بىرىنچى قەۋەت كىرىش ئېغىزىدا ئۇدا 3 كۈن ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت مەركىزىگە ئىش بېجىرىش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن پۇقرالاردىن سىرت، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.»

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئىككىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى رەسىم كۆرگەزمىسى بولۇۋاتقان زالغا يېقىن جايدىكى ناھايىتى كۆپ ئادەم كىرىپ چىقىدىغان پويىز بېكىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋارىقىنى تارقىتىش، كارتون كىتابلارنى تارقىتىش ۋە ئاغزاكى نۇتۇق سۆزلەش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قىلدۇق. بۇ پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پىدائىي قېرىنداشلىرىمىزدىن سىرت بىر قانچە شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ تومۇزنىڭ ئىسسىقىغا قارىماي بىز بىلەن بىللە تۇرۇپ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى، نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. شۇ پويىزغا كىرىپ چىقىۋاتقان كۈرمىڭلىغان كىشى بۇلارنى كۆردى ۋە ۋاراقچىلارنى ئالدى.»

ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى زىشى شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملاشقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پائالىيىتىمىزنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە بىر مەيدان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئاۋام پۇقرالار ۋە مۇخبىرلاردىن سىرت، 6 شەھەرنىڭ شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن 10 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە بىر نەپەر سابىق دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولدى.»

ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەندە، بۇ پائالىيەتلەرنى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسىنى دۆلەت ئىدارىلىرى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىپ قوللاپ باقمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقىسى ياپونىيەدە دۆلەت ئىدارىلىرى قوللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان 10 نەپەر شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش توغرىلىق بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. مەزكۇر قارار شۇ يىلى 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. مەزكۇر قارارنىڭ نامى «ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان. ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا «ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئاتالغان بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.