ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلغان

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىمۇ كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

28-29-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلغان.

8-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ۋاراقچە بىلەن كارتون كىتاب تارقىتىش، گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەڭ مۇھىمى 29-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ خوككايدودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە تەلەپ خېتى بېرىلگەن.

ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى. 2022-يىلى 28-ئاۋغۇست، ياپونىيە.

گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى كاۋادا ئەپەندى بىلەن سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئونودېرا ئەپەندى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 8 نەپەر باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ۋە ياپونلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى ھېسابلانغان خوككايدوغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلدۇق. بۇ بىز ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. 28-چېسلا 8 ئۇيغۇر بىلەن 20 ياپون پىدائىي بىرلىكتە›ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى‹ھەققىدە ۋاراقچە بىلەن كارتون كىتاب تارقىتىش بىلەن بىرلىكتە كوچىلاردا ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتتۇق. 28-ئاۋغۇست كۈنى ئاخشام بىر زالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. يىغىنغا يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى كاۋادا ئەپەندى بىلەن سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئونودېرا ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى بىزگە بۇندىن كېيىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىشتى، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەت بولدى».

ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى. 2022-يىلى 28-ئاۋغۇست، ياپونىيە.

خالمەت روزاخۇن ئەپەندى خىتاينىڭ خوككايدو ئارىلىدىكى ساپپورو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىغا تەلەپ خېتى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «29-چېسلا خىتاينىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىشى ئىكەن، شۇڭا بىزنى كۆرگەن خىتاي دىپلوماتلار ۋە ياپون ساقچىلار قاتتىق ھودۇقۇپ كەتتى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىككى مېتىر يېقىنىغا بېرىپ شوئار توۋلىدۇق. بۇلاردىن سىرت خىتاي كونسۇلخانىسىغا لاگېرلارنى تاقاش، 3 مىليونغا يېقىن كىشىنى لاگېردىن قويۇپ بېرىشنى، ياپونىيەدە ئوقۇپ كېتىپ تۈرمىگە تاشلانغان تاشپولات تېيىپ، ئابدۇساتتار قاتارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتىمىزنى كونسۇلخانىنىڭ ساندۇقىغا قويدۇق».

ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىنىڭ ساپپورو شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى. 2022-يىلى 28-ئاۋغۇست، ياپونىيە.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدە 2021-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 31 ئۆلكە ۋە شەھەردە 110 مەيداندىن كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي ئىككى يۈز مىڭدىن كۆپرەك ۋاراقچە ۋە كارتون كىتاب تارقىتىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرغىچە 110 يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنى بويىچە بۇ خەتكە ھۆكۈمەتنىڭ سەل قارىيالمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. بۇ، ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم ماقۇللانغان قارار ھېسابلىنىدىكەن.