30-سېنتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن تەلەپ خېتى سۇندى.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق گۇۋاھلىق بەرگەن. يىغىنغا ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىن ئاخىرىدا د ئۇ ق سۇنغان تەلەپ خېتىگە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياپونىيە دۆلىتىگە بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ تەلەپلەرگە قارىتا ياپون پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يىغىندا 21-ئەسىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر مىللەتكە نىسبەتەن ياپونىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئەسلەتتۇق. ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان تەلەپنامىمىزنى پارلامېنت ئەزالىرىغا سۇندۇق. پارلامېنت ئەزالىرى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى. بۇ تەلەپلەرنى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن بېسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى چىقىرىشىنىمۇ تەلەپ قىلدۇق».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەرگە چەكلىمە قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان 8500 دىن ئارتۇق ياپون شىركىتىنىڭ خېلى كۆپىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى، بۇنداق بىر شارائىتتا ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاتتۇق. يەنە بىرى ب د ت دە ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياپونىيە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشلىتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان دۆلەتلەرگە خىزمەت ئىشلەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىغا ئوخشاش بىر قاتار تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى».

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن پارلامېنتتىكى موڭغۇل ۋە تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىمۇ بىرلىشىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
29-سېنتەبىردە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توكيودىكى بىر چوڭ زالدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا كىشىلەرنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىغان. مەزكۇر يىغىنغا 400 ئەتراپىدا كىشى 10 دوللاردىن بىلەت سېتىۋېلىپ قاتناشقان. يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى لېكىن ياپونىيەدىكى قىزىقىشنىڭ ناھايىتى يۇغۇرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.