ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى: «كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا تىرىشىمىز»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ زىيارەت ئاخىرىدا ياپونىيە يەرلىك پارلامېنتىنىڭ مەسئۇلى مارىياما ئەپەندى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئالدى بىلەن 4-3-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت دۈشەنبە كۈنى ئوساكا شەھىرىدە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سەيشەنبە كۈنى بولسا ياپونىيە دۆلەتلىك پارلامېنتىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ يىغىندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا چۈشەنچە چوڭقۇرلاشقان بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلى مارىياما ئەپەندى داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان قارار چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى ئەمىلى تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.

دوكتور ئابدۇكېرىم ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق ھەيئىتى 4-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ياپونىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ باش شتابىغا كىرىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ سىياسەتنى بەلگىلەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى خانىۋۇدا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تەلەپلىرىمىزنى يەتكۈزدى. بۇنىڭ ئەھمىيىتى بۇرۇن بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان بولسا بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇ پارتىيە تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بولىدۇ دەپ ئويلايمىز. مەزكۇر پارتىيە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئويلاشمىسا بولمايدىغان بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت توكيو شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مازىرىغا گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، 1-ئۆكتەبىردە شىنزو ئابېنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئايالى ئابې ئاكىئې خانىمغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەزىيەسىنى يەتكۈزگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاكىئې خانىمنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابېنىڭ ئايالىغا ئۆيىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سوۋغىتىنى تەقدىم قىلدۇق. ئۇزۇن مۇڭداشتۇق. ئۇ، بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلسا يولدىشىنىڭمۇ ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم ياتىدىغانلىقىنى دەپ بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4-ئۆكتەبىر ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتكە بىرلەشمە تەلەپ خېتى سۇنغانلىقىنى، ياپونىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگىمۇ تەلەپ خېتى سۇنغانلىقىنى، ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەگە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە تەسىر قوزغىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى26-سېنتەبىر كۈنى باشلانغانىدى.