ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. مەزكۇر قارار 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

بۇ قارار «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە «ئۇيغۇر» ئىسمى ئېنىق يېزىلغان رەسمىي بىر قارارنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇش بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سانائەت مىنىستىرى تاكايىچى خانىم(سولدىن ئىككىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سانائەت مىنىستىرى تاكايىچى خانىم(سولدىن ئىككىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ياپونىيەنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قارار بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىدا تارىختا تۇنجى قېتىم ›ئۇيغۇر‹ ئىسمى ئېنىق يېزىلغان رەسمىي بىر قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. شۇنىڭغا ئۇلاپلا كېڭەش پالاتاسىدىن بۇ قارارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلاپ، بۇ قارار بېسىلىپ قالغانىدى. 10 ئايدىن بۇيان كۆپ تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە بۈگۈن كېڭەش پالاتاسىدىمۇ رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتتى».

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر قارارنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ قاراردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ قارايمىز. چۈنكى ياپونىيەنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىككىلا پالاتا ئىنكاس قايتۇرغان بولدى، بۇ ياخشى باشلىنىش دەپ ئويلايمىز».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ماتسۇبارا جىن ئەپەندى بىلەن. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ماتسۇبارا جىن ئەپەندى بىلەن. 2022-يىلى 5-دېكابىر، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر قارارنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قاراردا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ مەيلى ب د ت دا ياكى باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، ياپونلارنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقى، شۇڭا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان».

ياپونىيەە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 5-دېكابىر كۈنى ياپونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كىشى ئەپەندى، سانائەت مىنىستىرى تاكايىچى خانىم ۋە ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ماتسۇبارا جىن ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەدىن كۈتكەن تەلىپى بايان قىلىنغان يازما دوكلاتنى سۇنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ تېخىچە د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تەلەپلىرىگە ئىجابىي جاۋاب بېرىشىنىڭ بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

12-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات بېرىپ، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بۇ قارار ماقۇللاشنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر» دېگەن.