دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان: «مەقسىتىمىز ياپونىيە پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۈچلۈق قارار ماقۇللىتىش»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.12.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Yaponiye-USHKU-Parlamenti.jpg ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى ئۇشىكۇ شەھەرلىك پارلامېنتتا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاڭلىتىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 16-دېكابىر، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغان بۈ كۈنلەردە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلاردىن سىرت ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن 35 كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىغان.

12-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى ئۇشىكۇ شەھەرلىك پارلامېنتتا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاڭلىتىلغاندىن سىرت، مەزكۇر كىتاب توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. ياپونىيە ئۇشىكۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرغاندىن سىرت يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنتىغا بولغان كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

Yaponiye-Lager-shahitliri-heqqide-kitab.jpg

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ. مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بىر پوزىتسىيەدە ھەرىكەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇقرالار ھەمدە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپلىگەن شەھەرلىك پارلامېنتلاردا تەشكىللەپ كېلىۋاتىمىز. بۇ قېتىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن ئۇشىكۇ شەھىرى ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسىگە تەۋە بىر شەھىرى. ھازىرغىچە ئىباراكى ئۆلكىسىگە تەۋە شەھەرلەردىن جەمئىي 7 شەھەر ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىپ، بۇنى يازما شەكىلدە ھۆكۈمەتكە سۇندى. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇشىكۇ شەھەرلىك پارلامېنتنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قارار ماقۇللاپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

ھازىرغىچە ياپونىيەدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە يەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاڭلىتىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپ ساندا يەرلىك پارلامېنتلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا خەت سۇنۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغانىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىش نەتىجىسىدە ھازىرغىچە يۈز ئەتراپىدا يەرلىك پارلامېنتنىڭ ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكلىپ خېتى سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارنىڭ ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەدىكى «سېيرون» ناملىق ژۇرنالدا ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇ ژۇرنالدا نەشر قىلىنغان جەمئىي 35 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىر كىتاب ھالىدا نەشر قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيەلىكلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيەدە 2021-يىلى 2-ئايدا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 35 ئۆلكە ۋە شەھەردە 100 مەيداندىن كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي يۈز مىڭدىن كۆپرەك ۋاراقچە تارقىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.