خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ياپونىيەدە كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. 15-ئاۋغۇست ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن تەتقىقات مۇنبىرى بىرلىكتە توكيودا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
15-ئاۋغۇست كۈنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان بالايى- ئاپەتلىرىنى ئەسلىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى پاش قىلىش چارىسى قوللانغان.
بۇ كۈنى خىتاينىڭ توكيو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن تەتقىقات مۇنبىرى بىرگە ئۆتكۈزگەن مەزكۇر نامايىشتا، نامايىش ئەھلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

نامايىشتا تەيۋەن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاتتىق ئېچىنىدىغانلىقىنى، ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇاۋىن رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى پائالىيەت جەريانىدا بىر قىسىم ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە كېلىپ نۇتۇق سۆزلەپ ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ياپونىيەدە2021- يىلى2 -ئايدا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 31 ئۆلكە ۋە شەھەردە 100 مەيداندىن كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي يۈز مىڭدىن كۆپ ۋاراقچە تارقىتىلغان. بۇ خىل پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى.