ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان
2022.11.18
11-ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ چىبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ دۆلەت ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالى توغرىلىق ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى پائالىيەت ئىكەن.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، كۆرگەزمە ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ. مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن چىبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن مائارىپ ئىدارىسى كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئاچتۇق. بۇ كۆرگەزمە 11-ئاينىڭ 16-17-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى پائالىيەتكە بولغان ئىنكاسلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمىنى 500 ئەتراپىدا كىشى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ياپونلاردىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. ئۇلار: ‹بىز خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. چوقۇم تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ مۇسىبەتلەر بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كېلىشى مۇمكىن› دەپ ھەممىسى بىز بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.»
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ياپونىيەلىك خاياشى يوشىماسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەمدى ياپونىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەم تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
خالمەت روزاخۇن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ باشقا پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى دۆلەت ئورگىنى بولغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى بولدى. ئۇلار بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. شۇنداقلا بىزنىڭ دەۋايىمىزنى ئېتىراپ قىلغان بولدى. بىز ياپونىيەدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. بۇ پائالىيەتلەرنى پارلامېنت ئەزالىرى قوللىغان، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار قوللىغان، لېكىن دۆلەت ئىدارىلىرى قوللاپ باقمىغان. بۇ قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن مائارىپ ئىدارىسى بىزنى قوللىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بۇ دېمەك، بۇندىن كېيىن باشقا شەھەرلەردىمۇ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز دېگەنلىكتۇر.»
بۇ پائالىيەت جەريانىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان چىبا شەھرىنىڭ باشلىقى كامىيا شۈنئىچى ئەپەندىگە رەھمەت ئېيىپ شەرەپنامە بەرگەن. دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز چىبا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەر باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ تەشەككۈرنامە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلانغان كىتاب، سىن كۆرۈنۈشلەرنى تەقدىم قىلدۇق. شۇنداقلا شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولدۇق.»
دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى چىبا شەھرىنىڭ باشلىقى كامىيا شۈنئىچى ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىپ شەرەپنامە تەقتىم قىلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتۇق. يەنە بىرسى چىبا شەھەرلىك يەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ سۇنۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ ئىدى. بىز بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق. بۇلاردىن سىرت، چىبا شەھەرلىك دۆلەت كۇتۇپخانىسى ۋە خەلق ئاممىسى پائالىيەت قىلىدىغان ئاممىۋىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر مۇسىبەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلارنى قويغان ئىدى.»
10-11-نويابىر كۈنلىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ۋە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.