تونۇلغان ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو: «ياپون ھۆكۈمىتى دەرھال خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.01.18
تونۇلغان ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو: «ياپون ھۆكۈمىتى دەرھال خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك» ياپونىيەدىكى داڭلىق ژۇرنالىست ساكۇراى ياشىكو(Sakurai Yoshiko) خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ياپونىيە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەك» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 15-يانۋار، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە داڭلىق ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو (Sakurai Yoshiko)خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بەرگەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ياپونىيە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەك» ناملىق دوكلاتىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر يىغىندا يەنە 6 نەپەر ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالى، شۇنداقلا لاگېردىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.

15-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى، ناھىيە، شەھەر ۋە ۋىلايەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ ئۈچ يۈزگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ناھىيە ۋە شەھەرلىك يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاۋام پۇقرالاردىن بولۇپ ئۈچ يۈزگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. بۇنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تونۇلغان ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو خانىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا قانداق بىر مۇئامىلىدە بولۇشى توغرىسىدا سۆزلىدى. كېيىنكى يېرىمىدا ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن قىز-ئوغۇل بولۇپ 6 نەپەر ئۇيغۇر، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتتى.»

ياپونىيەدىكى داڭلىق ژۇرنالىست ساكۇراى ياشىكو(Sakurai Yoshiko) خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ياپونىيە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەك» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 15-يانۋار، ياپونىيە.

ساكۇراى يوشىكو خانىم دوكلاتىدا ياپونىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئىكەنلىكىنى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ قارار ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ساكۇراى خانىم بۇ قېتىمقى نۇتقىدا ياپونىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولۇش سالاھىتى بىلەن، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سالاھىتى بىلەن، نۆۋەتتە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ناھايىتى كەسكىن ۋە قاتتىق رەۋىشتە جاۋاب قايتۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ياپونىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى كېرەكلىكىنى، كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان قارارنى چوقۇم ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.»

تونۇلغان ياپون ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو خانىم نۇتقىدا ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كۆز يېشىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ھۆكۈمىتى، پۇقرالار ئارىسىدا خىتايغا قارشى شۇنداق كۆپ نارازىلىق بولۇشىغا قارىماي، تېخىچە ھۆكۈمەت نامىدىن كەسكىن ئىنكاس قايتۇرماي، ناھايىتى پاسسىپ، ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى ياپون پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر ياپونلۇق بولۇش، بىر ئىنسان بولۇش ھەمدە ۋىجدان ئىگىسى ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاسسىپ پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى زالدىكىلەرنىمۇ يىغلاتتى.»

ياپونىيەدىكى داڭلىق ژۇرنالىست ساكۇراى ياشىكو(Sakurai Yoshiko) خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ياپونىيە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەك» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 15-يانۋار، ياپونىيە.

ئۆتكەن يىلى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ئىككى قېتىم پارلامېنتقا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەزى ياپون سىياسىيونلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئاۋام پالاتاسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ، 83 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار بۇ قېتىم 83 پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى ياپون پارلامېنتىغا سۇنغان. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆتكەن يىلى پەقەت ياپونىيە پارلامېنتىدىلا 15 قېتىمغا يېقىن پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ تېخىچە بۇ مەسىلىدە تېخىچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى، بۇ قېتىم تونۇلغان شەخىسلەردىن ساكۇراى يوشىكو خانىمنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ياپونىيە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشى كېرەك» ناملىق دوكلاتىنىڭ ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدىكى زور بىر ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى خەلمەت رۇزاخۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تونۇلغان ژۇرنالىست ساكۇراى يوشىكو خانىمنىڭ ياپونىيە سىياسىتىگە بولغان تەسىرىمۇ زور ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.