ياپونىيەنىڭ ساگا ئۆلكىسى بىلەن كۇماموتو ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەت رەسمىي باشلانغان. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەنىڭ ساگا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. كېيىن يەنى 24-يانۋار كۈنى كۇماموتو شەھرىدىكى ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن بولغان يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقى توغرىلىق دوكلات بەرگەن. مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى يەرلىك پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. كۇماموتو شەھىرىدە 29-ياۋار كۈنىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئىلھام مەخمۇتنىڭ 29-چىسلا بېرىدىغان دوكلاتى بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئالدى بىلەن ساگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «1-ئاينىڭ 21-كۈنى ساگا ئۆلكىسىكى ساگا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر بېسىم، زۇلۇملار توغرىسىدا دوكلات بەردىم. ئەتىسى ساگا شەھىرىدىكى بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردىم. بۇ يىغىنغا ئىقتىساد ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىنىستىرلىقىنىڭ باش كاتىپى، پارلامېنت ئەزاسى كازۇچىكا ئىۋادا ئەپەندى، ساگا ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ رەئىسى تاكۇئىچىرو فۇجىكى ئەپەندى، ساگا شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى ماسايۇكى سۇسۇمى ئەپەندى قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. ئۇلار دوكلاتىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر پاجىيەسىنى ياپونىيەدە ئاڭلىتىلىشتا مۇھىم رول ئويناشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلار مېنى 2-ئاينىڭ ئىچىدە ساگا ئۆلكىلىك پارلامېنتتا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەنىڭ ساگا شەھرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۇماموتو ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ 24-يانۋار كۈنى كۇماموتو شەھرىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن دۈشەنبە كۈنى كۇماموتو ئۆلكىسىگە كەلدىم. بۇ يەردە كۇماموتو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتۇق. بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى قويدۇق.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 25-يانۋار چۈشتىن كېيىن، كۇماموتودىكى «ئەركىن دېموكراتىيە» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە بۇ پارتىيەدىن سايلىنىپ چىققان يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ‹ئەركىن دەموكراتىيە› پارتىيەسى كۇماموتو شەھەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدا 40 ئەتراپىدا كۇماموتو ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىيەلىك ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇم. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تونۇشتۇردۇم. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى توغرىسىدا ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىغا كۇماموتو ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا رەھبەرلەردىن بولۇپ ناھايىتى مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇلاردىن بىزگە زور پايدا كېلىدۇ دېگىنىم، ياپونىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە دۆلەتلىك پارلامېنتقا بېسىم قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يەرلىك پارلامېنتلار بەزى قارارلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە سۇنۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بۇ ھەقتە سىياسەت بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى يەنى يەرلىكتىكى كۈچلۈك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ دەۋانى ئېلىپ بارساق، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈگىلى بولىدۇ.»
ئىلھام مەخمۇت بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە قۇرۇلتىيى كۇماموتو شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ماسانورى كاتائوكا ئەپەندى راديومىزغا پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ياپونىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇڭلاشقا بىز ھەمكارلىشىپ بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمىز. بۇندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلىرىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى كۇماموتو شەھىرىدە 29-يانۋار كۈنىگىچە تۇرۇپ، كۆرگەزمە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقى، 29-يانۋار شەنبە كۈنىدە 500 كىشىلىك بىر زالدا دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 2021-يىلىدا ياپونىيە پارلامېنتىدىلا 15 قېتىمغا يېقىن پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە پارلامېنتىدا تېخىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر قارار ماقۇللانمىغان.