ياپونىيەلىك يازغۇچى ۋە كارتونىست تومومى شىمىزۇ خانىم ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە مەخسۇس سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى يورۇتۇلغان «ماڭا نېمە بولدى؟: بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» تېمىسىدىكى مانگا، يەنى سۈرەتلىك ھېكايىلەر توپلىمىنى يېقىن ئارىدا نەشر قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. شىمىزۇ خانىم يېقىندا يەنە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ «جېنىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ گۇۋاھلىق بېرىش» ناملىق بۇ مانگا ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ ياپونىيە ۋاكۇ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى جەمئىي 46 مىڭ پارچە بېسىلىپ تارقىتىلغانلىقى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ كىتابنىڭ قايتا قايتا نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمىزۇ خانىم 2019-يىلى لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھەمدە شۇندىن باشلاپ ھەر ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرى ھەمدە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئائىلىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى كارتون رەسىملىك قىسقا ھېكايە شەكلىدە پارچە ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ھەققىدىكى بۇ يۈرۈشلۈك مانگا، يەنى سۈرەتلىك ھېكايىلەر ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىنكاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن.
ياپونىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى تومومى شىمىزۇ خانىمنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى كارتون سۈرەتلىك، يەنى مانگا شەكلىدە ئېلان قىلىشىغا تەرجىمان سۈپىتىدە ياردەملىشىپ كېلىۋاتقان گۈلىستاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمىزۇ خانىمنىڭ مانگا ھېكايە كىتابلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ئاممىسىغا ئاڭلىتىشقا ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي يەنە يېقىندىن بۇيان ياپونىيە سىياسەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە، ئەربابلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتىكەن. بۇنىڭدا شىمىزۇ خانىمنىڭ ھېكايىلەر توپلىمىنى بېسىپ تارقاتقان ياپونىيە ۋاكۇ نەشرىياتى ئۇنىڭ كىتابىنى بېسىپ تارقىتىش بىلەنلا قالماي، بۇ كىتابنى نەشرىيات نامىدىن جەمئىي 706 نەپەر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىشىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىكەن.
پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ كىتاب بىلەن ئىمزالىق تەلەپ خېتىنى قوشۇپ ئەۋەتكەن ۋاكۇ نەشرىياتىنىڭ باشلىقى سۈزۈكى رىئۇئىچى ئەپەندى خېتىدە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىنى، بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئەندىشە قىلماي قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خېتىدە يەنە ھەربىر پارلامېنت ئەزاسى ۋە پۇقرانىڭ ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقنى قوغداش، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ خەلقئارادىمۇ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا دائىر مىزانلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى توختىتىشىغا بېسىم ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەنىكەن.
نەشرىيات باشلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلىش تەلىپىمىزگە جاۋابەن، زىيارەتنى كىتابنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتىش پىكىرىنى بەرگەن نەشرىيات مۇھەررىرى سېنتو توشىئاكىنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ھاۋالە قىلدى.
كىتاب ئاپتورى شىمىزۇ خانىم بىلەن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلىستان خانىم ۋاكۇ نەشرىياتىنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك خالىس ھەرىكىتىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 6-مارت شەنبە كۈنى ۋاكۇ نەشرىياتى باش مۇھەررىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بىزنىڭ ھاۋالىمىز بىلەن ئۇلار «ۋاكۇ نەشرىياتىنىڭ شىمىزۇ خانىمنىڭ بۇ كىتابىنى خالىس ھالدا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتىشى ۋە تەلەپ خېتى يوللىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟»، «پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەردىن قانداق ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭلار؟» دېگەن سوئاللىرىمىزنى مۇھەررىر تۆشىئاكى ئەپەندىدىن سورىغان. گۈلىستان خانىم توشىئاكى ئەپەندىنىڭ جاۋابلىرىنى يەتكۈزدى:
تومومى خانىمنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان كارتون سۈرەتلىك، يەنى مانگا ئەسەرلىرى ياپونىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇپ، نەشرىيات ۋە شىمىزۇ خانىم ئۆزىگە نۇرغۇن تەشەككۈر خەتلىرى ۋە ئاتكرىتكىلار كەلمەكتىكەن. ئىجتىمائىي ياپونچە تىۋىتتېر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ مانگا ھېكايىلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار داۋام قىلماقتىكەن.
بۇ خىلدىكى ئىنكاسلاردىن ياپونىيە جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇلستان خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ نەشرىيات تەرىپىدىن ياپونىيەدىكى سىياسىي ئەربابلارغا يوللىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ «ئىرقي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.