ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى: «ياپونىيەدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ كىشى قاتناشتى»

0:00 / 0:00

20-مارت كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالى توغرىسىدا چوڭ كۆلەملىك مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى 120 كىشىلىك زال تەييارلانغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر كۆپ بولغاچقا، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى بەزى ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى، ئەڭ كۆپ كىشى ئىشتىراك قىلغان تۇنجى قېتىملىق يىغىن دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن. ئاندىن كېيىن ئوساكا ۋە شۇ ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

20-مارت كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋە ئىككى سىياسىي پارتىيەدىن 10 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان. ئۇلاردىن بىرنەچچىسى سۆز قىلغان. ئۇلار نۇتۇقىدا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، ھەر دائىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا قارارلىق ھالدا ئىزچىل گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى خالمەمەت روزاخۇن ئەپەندى ياپونىيەدە ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇۋتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.