ياپونىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملاشماقتا. 25-ئاپىرىل كۈنى ياپونىيەنىڭ چىبا ئۆلكىسى، ئىچىكاۋا ناھىيەسىدىكى مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ياپولارغا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ياش پائالىيەتچى ئىسمائىل ئاۋاق ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىسمائىل ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ياپون خەلقىگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە، ياپونىيەدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تونۇشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.

ياپونىيەنىڭ چىبا ئۆلكىسى، ئىچىكاۋا ناھىيەسىدىكى مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ياپونلۇقلارغا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات پائالىيىتى. 2021-يىلى 25-ئاپىرىل.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ياپونىيەلىك پىدائىيلار قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك ياپونلار قاتناشقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى مەزگىللەردە ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا.

ئىسمائىل ئاۋاق ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان ئىكەن. پائالىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلغان ۋە نەق مەيداندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ئىسمائىل ئاۋاق ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ياپۇنىيەدە ناتونۇش ئەمەسلىكىنى، خىتاي بىلەن قوشنا دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ ياپونىيەدە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كىيىن ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە

ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.