ياپونىيەنىڭ كىيوتو، ئوساكا ۋە كوبى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ۋە نامايىش قىلىش شەكلىنى ئالغان «كارۋان پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە ناگائو ئەپەندى، نودا ئەپەندى، سوئەدا خانىم، نىشى كاۋا ئەپەندى قاتارلىق 20 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسىمۇ قاتناشقان. ئۇدا ئۈچ كۈن ئۈچ چوڭ شەھەردە داۋاملاشقان پائالىيەتتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. جازا لاگېرى قۇربانىنىڭ ئۇكىسى ئابدۇسەمى ئەپەندى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.
خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئالدى بىلەن ياپونىيەنىڭ قەدىمىي چوڭ شەھىرى كىيوتودا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «17-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۆلكىسى بولغان كىيوتودا، ئۇ يەردىكى ھەر قايسى بۇتخانىلارنىڭ راھىبلىرىغا ھەم ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈرىدىغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇنىڭغا 50 ئەتراپىدا چوڭ راھىب قاتناشتى. مەن دوكلات بەردىم، ئابدۇسەمى ئەپەندى گۇۋاھلىق بەردى».
خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى راھىبلارغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ بۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياپونىيەلىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىيوتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ياپونىيەدىكى ئادەتتىكى پۇقرالارغىلا ئەمەس، دىنى ئېتىقادى بار، مەخسۇس دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش، ھەم بۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇلارغا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا نەشر قىلىنغان كىتاب تارقىتىپ بەردۇق. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەممە بىردەك بۇندىن كېيىن كىيوتو شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە چۈشەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىشتى».
بۇ پائالىيەتلەردە دوكلات بەرگەن خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى «كارۋان پائالىيىتى» نىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى18-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوساكا شەھىرىدە مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ئىدۇق. بىز ئويلاپ باقمىغان شەكىلدە كۆپ كىشى قاتناشتى. 20 ئەتراپىدا دۆلەتلىك ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزاسىمۇ ئىشتىراك قىلدى، ئۇلارغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر، ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان بولدۇق».
خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى «كارۋان پائالىيىتى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنى يەنى، 19-ئىيۇن كۈنى بۇندىن 20 يىل بۇرۇن زور يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن كوبې شەھىرىدە چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەنىڭ كوبې شەھىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹كارۋان پائالىيىتى› ئۆتكۈزدۇق. ئۇ كۈنى ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي پائالىيەتكە 7 يەرلىك پارلامېنت ئەزاسىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئىككى سائەت داۋام قىلغان نامايىشتا توختىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇرۇن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە پەقەت قاتنىشىپ باقمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاۋازىنى چىقىرىپ سۆزلىدى. ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان›كارۋان پائالىيىتى‹نامىدىكى پائالىيىتىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى».
ياپونىيەدىكى 3 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمى ئابدۇرېھىم ئاكىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ، يىغىندا ئاكىسى دوكتور ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمنىڭ 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر يىلچە يۇرتى كەلپىندە ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1999-يىلى ياپونىيەگە چىقىپ چىبا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلىقىنى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 10 يىلچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، يەنى 2010-يىلى يۇرتىغا قايتقانلىقىنى، ئۇ ئۈرۈمچىدە ھەرەمباغ شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى، 2021-يىلى-11-ئايدا ئۇشتۇمتۇت ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ جىددىي شەكىلدە ئىز-دېرىكىنى قىلىش نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ جەزىملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقىنىدەك ياپونىيەدىمۇ ئىزچىل ھالدا داۋاملاشماقتا. ياپونىيەدە 2020-يىلى2-ئايدا باشلانغان مەزكۇر پائالىيەت ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 30 ئۆلكە ۋە شەھەردە 90 مەيدان ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي 100 مىڭ ئەتراپىدا ۋاراقچە تارقىتىلغان. ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنىمۇ بولۇۋاتامدۇ؟ خالمەت رۇزاخۇن ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زور بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، 2021-يىلىدا ياپونىيە پارلامېنتىدىلا 15 قېتىمغا يېقىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە 2022-يىلى2-ئاينىڭ1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان قارار، ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم ماقۇللانغان قارار ھېسابلىنىدىكەن.