ياپون پارلامېنت ئەزالىرى: «ئۇيغۇرلارنى قوغداش ياپونىيەنى قوغداشتۇر»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ياپون پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇرلارنى قوغداش ياپونىيەنى قوغداش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ياپونىيەدە 2021-يىلى 2-ئايدا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 30 ئۆلكە ۋە شەھەردە 100 مەيداندىن كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي يۈز مىڭ ئەتراپىدا ۋاراقچە تارقىتىلغان. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە ئاخىرقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بەش پائالىيەتتە نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىروشىمادىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئاۋغۇست.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىروشىمادىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ۋاراقچە بىلەن كارتون كىتاب تارقىتىش، گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەڭ مۇھىمى 5-ئاۋغۇست كۈنى ئاخشام ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 6 نەپەر باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى، بىر نەپەر دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزاسى 10 نەپەر ياپونىيە يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ياپون پىداكارلار ئىشتىراك قىلغان يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىش، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا يار-يۆلەك بولۇش ۋە بۇ يىل 9-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتكە جىددىي تەييارلىق قىلىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىروشىمادىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئاۋغۇست.

بۇ پائالىيەت توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان خىروشىما ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزاسى ياماكى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خالمەت روزاخۇن ئەپەندى بىلەن ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ھەم يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كەتتى. بىز ياپونىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ، بىز يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى قولىمىزدىن كېلىدىغاننى قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان بۇ پاجىئەنى كۆپلىگەن ياپون خەلقىگە بىلدۈرۈش، ياپونلارنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. سۆز ئەركىنلىكى بوغۇپ تاشلانغان، جىسمانىي جەھەتتىنمۇ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان قارا چۈشنىڭ ياپونىيەنىڭ يېنىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقتىن ئىبارەت بۇ رېئاللىققا بىز ياپونىيەلىكلەر ئەستايىدىللىق بىلەن يۈزلەنمىسەك بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىسىمۇ ھېچ بولمىسا ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولسىمۇ يار-يۆلەكتە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشقۇمىز بار. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋام قىلىمىز».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خىروشىمادىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئاۋغۇست.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دەۋاسى ياپونىيەدە ناتونۇش ئەمەس ئىكەن، خىتاي بىلەن قوشنا دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كۆرگەزمىنىڭ ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 77-يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر خىروشىماغا جەم بولغان بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەچكە كۆپ ساندا كىشىنىڭ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا بولۇپمۇ 5-ئاۋغۇست ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلغان ياپونىيە دۆلەتلىك ۋە ئۆلكىلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشنىڭ ياپونلارنى قوغداش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ1-كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىملىق قارار مۇتلەق كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى. «ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قارار» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قارار، ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىم ماقۇللانغان قارار ھېسابلىنىدىكەن.