ياپونىيەنىڭ كاۋاگۇچى شەھىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقىنىدەك ياپونىيەدىمۇ ئىزچىل ھالدا داۋاملاشماقتا. ياپونىيەدە بۇ يىل 2-ئايدا باشلانغان مەزكۇر پائالىيەت ھازىرغىچە ئوخشىمايدىغان 20 ئۆلكە ۋە شەھەردە 75 مەيدان ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا جەمئىي 79 مىڭ ئەتراپىدا ۋاراقچە تارقىتىلغان. 9-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى، كاۋاگۇچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى، كاۋاگۇچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىر.
ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى، كاۋاگۇچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 9-ئۆكتەبىر.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ياپونىيەلىك پىدائىيلار قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن كۆپرەك ياپونلار قاتناشقان بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىتيى ۋەكىللىرىدىن بىرى ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى يېقىنقى مەزگىللەردە ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئوخشىمىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە 2-3 سائەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، كوچىلاردا سۆزلەش، شوئار توۋلاش ۋە لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 9-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسى، كاۋاگۇچى شەھىرى، كاۋاگۇچى مېترو بېكىتىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش نۇقتىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدىن 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە 70 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، 9-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ كاۋاگۇچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئەخمەتجان لىتىپ ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياپونىيەدە ناتونۇش ئەمەسلىكىنى، خىتاي بىلەن قوشنا دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 2-ئايدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا بۇ خىل پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ياپون پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەت باشلانغاندا ناھايىتى ئاز كىشى قاتناشقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 70 ياپونىيەلىكتىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى پائالىيەتكە ئاز دېگەندە 7-8 ئۇيغۇر قاتنىشىۋاتىمىز. لېكىن بىزنىڭ ياپون قوللىغۇچىلىرىمىز بار. ھازىر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قوللايدىغان 70 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى بار. بۇلاردىن سىرت، ھەر قايسى شەھەرلەردە پائالىيەت ئۆتكۈزسەك شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى، دۆلەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتنىشىپ بىزنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇلار زىمىستان قىش ۋە ئىسسىق كۈنلەردىمۇ كېلىپ پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز».

خالمەت روزاخۇن ئەپەندى9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «NHK» نىڭ مۇخبىرلىرى ۋە باشقا كۆپ ساندا مۇخبىرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم بىز پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كاۋاگۇچى شەھىرى خىتايلار ئەڭ كۆپ شەھەر. مەزكۇر شەھەرنىڭ شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى كېلىپ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغان ن ھ ك تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن خەۋەرلەرنى ئالدى. 70 قېتىمدىن كۆپرەك بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق، ھەر قېتىملىقى كۆپ ساندا ۋاراقچە تارقىتىمىز. بۇ پائالىيەتلەردە كىشىلەر بىز سىلەرنى تەبرىكلەيمىز ۋە قوللايمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلىڭلار دېيىشىدۇ».

مەزكۇر پائالىيەت 10-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزى ياپونىيەنىڭ ئىۋاتى ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئاخشام ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 24-چېسلا يەكشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ ئاۋۇمورى ئۆلكىسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.