ياپونىيە فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى ياپونىيە فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ياپونىيە كارخانىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىدا، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە لاگېرلار بىلەن ھەمكارلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ «فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسى» دە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

گوگولدىن تەكشۈرگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسى زاۋۇت-فابرىكىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىستانوك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە مەخسۇس ئېغىر سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم «فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسى» دە بەرگەن دوكلاتىدا، ياپونىيەدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان خىتاي پاختا شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ دوكلاتىدا يەنە خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىۋاتقان ياپونىيە شىركەت-كارخانىلىرىنى لاگېرلار بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم «فۇكىي ئۆلكىلىك ماشىنىسازلىق سانائەت بىرلەشمىسى» دە بەرگەن دوكلاتى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن بىر قىسىم شىركەت مەسئۇللىرى ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق كونكرېت مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىنكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار بىلەن بولغان باغلىنىشىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتى ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابىنىڭ يېقىندا ياپونىيەدىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆمەكنى باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي بىلەن بەزى سودا توختاملىرىنى تۈزگەندىن كېيىنكى مەزگىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش كۈچەيتىلگەن، مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان بۈگۈنكىدەك سەزگۈر بىر ۋەزىيەتتىكى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە بۇ مۇناسىۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، سانائەت دۆلىتى بولغان ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇۋاتقان ياپونىيە شىركەت-كارخانىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقۇرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.