ياپونىيەنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

27-نويابىر كۈنى ياپونىيەنىڭ شىگا ئۆلكىسىنىڭ ئوسى شەھىرىدە، 28-نويابىر كۈنى خىروشىما ئۆلكىسىنىڭ خىروشىما شەھىرىدە، 29-نويابىر كۈنى فۇكۇئوكا ئۆلكىسىنىڭ ئونوجو شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ياپونىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى، سابىق مىنىستىر خارادا يوشىئاكى ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى مارۇياما خىروئاكى ئەپەندى قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

3 چوڭ شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-نويابىر، ياپونىيە.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ 3 چوڭ شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ۋە ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى خالمەت روزاخۇن ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئۈچلا يىغىندا خىتاينىڭ 3-4 يىلدىن بۇيان سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ سىنئالغۇ ۋە رەسىملىك ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى بۇرۇندىن تارتىپ سىياسىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەرگە ئارىلاشماي، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلسىمۇ، سۈكۈت قىلىپ، ياپونىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەپ، خىتايغا بىمالال بېرىپ-كېلىپ يۈرگەنىكەن. بەزى ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن كېيىنمۇ يۇرتىغا بارغان بولۇپ، لېكىن ئۇلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ سولاپ قويۇلغان. ھازىر ياپونىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ياپونىيەنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدىكى دوكلاتتا مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ، ئوخشىمايدىغان نۇقتىلارنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ بۇرۇنقى يىغىنلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ بۇ قېتىمقىسىغا كۆپ ساندا دۆلەتلىك ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەم بۇنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خالمەت روزاخۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا قاتناشقان بەزى ياپونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن. ئۇ، بۇنىڭدىن يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىدە خىتاي پاسپورتى بار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەردە تىزىمغا ئالدۇرۇپ باج تۆلەۋاتقان بولغاچقا شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيەنىڭ قانۇنى بويىچە ئۇلارغا ئىگە چىقىپ ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

3 چوڭ شەھەردىكى پائالىيەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن سىرت، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەلەردىنمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن ئالغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، ھەتتا ياپونىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ياكى تۈرمىلىرىدە ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن «ياپونىيە-ئۇيغۇر دوستلۇق پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» ۋە «ئۇيغۇرلارنى قوللاش يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى» بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇنداق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.