غۇلجادىكى خەير-ساخاۋەتچى ياقۇپ ھاجىنىڭ قاماقتىكى مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

بىر قانچە كۇندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجادىكى ئاتاقلىق خەير-ساخاۋەتچى ياقۇپ ھاجىنىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، ياقۇپ ھاجىنىڭ جەسىتىنىڭ قارادۆڭ زەرەتكارلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇكىدىكى بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، غۇلجادا سودا-سانائەت ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ سەركىلىرىدىن بىرى بولغان تۇتقۇندىكى سودىگەر ياقۇپ ھاجى ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەن. فېيسبۇكتىكى بۇ ئۇچۇر ۋە ئۇچۇردا يېزىلغان كۆپ ساندىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپ ھاجى سودا-سانائەتتىكى ئىقتىدارىدىن باشقا ئېسىل كىشىلىك پەزىلەتلىرى بىلەنمۇ جەمئىيەتتە كەڭ تونۇلغان بولۇپ، 2018 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال سالامەتلىكى نورمال ئىكەن. توردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا، مەرھۇمنىڭ6 ‏-سېنتەبىر كۈنى تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈرمىدە قانداق بىر سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

غۇلجا شەھەر ھەرەمباغ ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ياقۇپ ھاجىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقى، بولغان تەقدىردىمۇ ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ياقۇپ ھاجىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان دوستلىرىدىن بىرى، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن شۇ كۈنى بىر سائەتتىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلدى. ياقۇپ ھاجىنىڭ بۇ دوستىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى غۇلجا ناھىيەسىدە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن، قورغاس چىگراسىدا بولسا خەلقئارا سودا مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ياقۇپ ھاجىنىڭ غۇلجادا ئاق مەسچىتنى سالدۇرغان ئىككى چوڭ سودىگەردىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ مەسچىتكە قىلغان ياردىمى سەۋەبلىك «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە غۇلجادىن ئايرىلغان ۋە ياقۇپ ھاجىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۇنىڭ مەھەللە كويلىرىدىن ئاڭلىغان بىرەيلەننىڭ بايان قىلىشىچە، جەسەت ياقۇپ ھاجىنىڭ بىر قېرىندىشىغا تاپشۇرۇلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ياقۇپ ھاجىم مەسچىتكە «قانۇنسىز» ياردەم بەرگەنلىكى ۋە بىر «قانۇنسىز» دىنىي زاتنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېلىشىغا 3 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ بۇ «جىنايىتى» نى بوينىغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان ۋە ئۇزۇن مەزگىل تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامىرىغا سولغانغان ئىكەن.

ياقۇپ ھاجىنىڭ يۇقىرىقى دوستىنىڭ غۇلجادىكى ئالاقە قاناللىرىدىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر ياقۇپ ھاجىنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن، ئەمما مېيىتنى ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئۇزىتىشنى شەرت قىلغان. دائىرىلەر يەنە مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە پەقەت ئۇنىڭ «قىزىتمىسىنىڭ تۆۋەنلىمىگەنلىكى» نى بايان قىلغان، ئەمما بۇ «قىزىتما» نىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادىكى جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدا ياقۇپ ھاجىنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغاندا، ئىككى پۇتىنىڭ سېسىغان، يەنى چۈرۈك ھالەتتە ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ياقۇپ ھاجىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

ياقۇپ ھاجىنىڭ دوستىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەرھۇمنىڭ جەسىتى قارىدۆڭدىكى بىر زەرەتگاھلىققا قويۇلغان.