ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇكتا غۇلجادا يۈز بەرگەن دادا-بالىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى ھەققىدە بىر ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇردا تۈرمىدىن چىققان تىجارەتچى ياقۇپ ھەسەننىڭ روزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى، ئۇنىڭ 20 ياشلىق ئوغلى بىلال ياقۇپنىڭ روزى ھېيت كۈنى تۈگەپ كەتكەنلىكى، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ غۇلجانىڭ ھېيت كەيپىياتىنى تېخىمۇ بۇرۇختۇملاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر دادا-بالىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشتى.
خىتاينىڭ شۇنچە قاتتىق ئۇچۇر چەكلىمىلىرى تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمە ۋە لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلرى ئىزچىل ھالدا تارقالماقتا. كۆپىنچىسى ۋىدىيو ياكى رەسىملىك بۇ ئۇچۇرلاردا، ئۆلگۈچىنىڭ يېشىنىڭ تېخى 50 كە بارمىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ. مانا بۇ خىل ئۆلۈم ئۇچۇرلىرىدىن بىرى غۇلجا شەھىرىدىكى زەرگەر ياقۇپ ھەسەن ۋە ئوغلى ئوغلى بىلال ياقۇپ ھەققىدىدۇر.
فېيسبۇكتا بۇ ھەقتە تارقالغان بىر ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ياقۇپ ھەسەن بۇ يىل 43 ياشتا بولۇپ، ئۇ تۈرمىدىن كېسەل ھالەتتە چىقىپ، 20 كۈندىن كېيىن، يەنى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى تۈگەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى بىلال ياقۇپ بۇ يىل 20 ياشتا بولۇپ، ھېيىت كۈنى دادىسىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىۋاتقاندا ھۇشىدىن كەتكەن ۋە شۇ سائەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياقۇپ ھەسەن ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومېتىتىغا تېلېفون قىلدۇق ئاھالىلەردىن بىرى ئۆز تەۋەلىكىدە تۈرمە ۋە لاگېردىن چىقىپ تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ياقۇپ ھەسەننى يېقىندىن تونۇيدىغان يۇرتداشلىرىدىن نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تۇرسۇنجان ئەپەندى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى فېيسبۇكتىن كۆرگەندىن كېيىن غۇلجاغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان. ئۇنىڭ تونۇشلىرى ئىشارەتلىك بايانلار بىلەن بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. تۇرسۇنجاننىڭ ئىگىلىشىچە، ياقۇپ ھەسەن 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان، بىر يىلدىن كېيىن كېسىۋېتىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ يىل روزا ھېيتتىن 2-3 ھەپتە ئاۋۋال ئېغىر كېسەل ھالەتتە قويۇپ بېرىلىپ، ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى تۈگەپ كەتكەن. دېيىلىشىچە، ھېيت كۈنى ئۇنىڭ مېيىتى ئۇزىتىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ 20 ياشلىق ئوغلى بىلال ياقۇپ، بۇ مۇسىبەتنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋە مېيىتنى دەپنە قىلىش مەيدانىدا ھۇشىدىن كەتكەن پېتى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ياقۇپ ھەسەننىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇرتداشلىرىدىن يەنە بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ياقۇپ ھەسەننىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش ئىشلىرىنى شەھەرلىك ساقچى ۋە دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىن باشقا يەنە ئاپتونۇم رايوندىن چۈشكەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ نازارەت قىلغان. ئەنە شۇ گۇرۇپپىدىكى خادىملاردىن بىرى ياقۇپ ھەسەننىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇنىڭدىن 20 كۈنچە ئاۋۋال، يەنى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە ياقۇپ ھەسەننىڭ ئۆلۈمىدىن بىر كۈن كېيىن ئوغلى بىلالنىڭمۇ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپ ھەسەن دۇرۇست ئەخلاقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە تونۇلغان كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى غۇلجادىكى ئاھالىلەرنىڭ ھېيت كەيپىياتىنى تېخىمۇ بۇرۇختۇملاشتۇرغان.
غۇلجا شەھەر كۆنچى مەھەللىدىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خادىمى ياقۇپ ھەسەننىڭ تۆگەپ كەتكەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ئوغلىنىڭمۇ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ئۇ يەنە ياقۇپ ھەسەننىڭ ئۆلۈمىدىن بۇرۇن تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىىرىدىن بىرىنىڭ ناماز ئوقۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دېيىلىشىچە، ياقۇپ ھەسەن تۇتۇلۇشتىن ئاۋۋال سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ تۈرمىدە ئۈچ يىل ياتقاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان. ياقۇپ ھەسەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ باققان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن ۋە 43 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئوغلىمۇ بۇ يىل 20 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە مۇسىبەت ئازابىدىن باشقا يەنە نېمىلەرنىڭ تەسىر قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.