خىتاينىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ياسالما تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.04.13
خىتاينىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ياسالما تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە خىتاي ئارخېئولوگلار 2003-يىلى قېزىۋېلىنغان، شامان ياكى كۆچمەن قەبىلىنىڭ مۇقەددەس ئادىمى دەپ قارالغان مۇمىيانى ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلماقتا. 2006-يىلى 20-دېكابىر، تۇرپان.
AFP

خىتايدا 6-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «يوقالغان سىرلىق قەدىمىي دۆلەت: دۇنيا جۇڭگونىڭ ئاۋازىغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ھەققىدىكى كۈچلۈك ئىنكاسلار داۋام قىلماقتا.

ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاي خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ تۆھپىلىرى، بولۇپمۇ ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى لوپنۇردىكى بۇ خارابىلىكتىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ئىچىدە 150 تىن ئارتۇق خىتايچە ۋەسىقە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە چىقىرىلغان يەكۈنلەرگە مەركەزلەشتى.

6-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىتاي ئارخېئولوگلىرىدىن «مۇ شۇنيىڭ، خۇ سەن قاتارلىقلارنىڭ 1979-1980-يىللىرى لوپنۇردا ئېلىپ بارغان قېزىشى ئارخېئولوگىيە تارىخىدا كروران خارابىلىقىنى قېزىشتا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ، قۇملۇقتىكى ئارخېئولوگىيەلىك چوڭ بايقاش ھېسابلىنىدۇ»، دەپ مەدھىيەلەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە «بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى سېۋىن ھېدىن ۋە ستەيىن قاتارلىق ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى لوپنۇردىكى بۇ خارابىلىكتىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ئىچىدە 150 تىن ئارتۇق خىتايچە ۋەسىقە مەۋجۇت. بۇ، ئىلىم ساھەسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئىزلار ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىنى تۈزەتتى»، دېگەن يەكۈن چىقىرىلغان.

لېكىن، چەتئەللەردىكى بەزى تەتقىقاتچىلار بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى» دېگەن نۇقتىئىنەزىرىنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەنى ساختىلاشتۇرماقتا، دەپ قارىماقتا.

گېرمانىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلەش، بۇ ساھەلەردىكى تەتقىقاتلارنى خىتاينىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەتتا يالغانچىلىق قىلىش خىتايدا ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىكەن.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، ئىلگىرى ئۆزى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللىرىدە، خىتايلار تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان يالغان تارىخىي يازمىلارنىڭ پاش قىلىنغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان ئاتالمىش تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شائىرى قەمەر يەنى كەكمەنىر ھەققىدىكى يالغانچىلىقتا، خىتاينىڭ داڭلىق شائىرى ۋە تارىخچىسى گو مورۇنىڭمۇ چېتىلىپ، شۇ يىللاردا تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا سىياسەتتىن مۇستەسنا مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش مۇمكىن ئەمەس بولغاچقا، ھەتتا خىتايدىكى تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭمۇ سىياسەتكە قارشى تۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىكەن.

ئۇ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دەپ ئاتالغان يىللاردا، خىتايدىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرىدىن چىيەن شۆشىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ماقالە يېزىپ، بىر مو يەردىن 10 مىڭ جىڭ ئاشلىق ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياسالما تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ھەققىدىكى يەكۈنلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنە ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خىتاينىڭ تارىختىكى سۇلالىلىرىدىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن يالغان تارىخ ياساش ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش دەۋرىدىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي ئىزلىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەندەك سەزگۈر مەسىلىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش تارىخچىلىرى ھەر ۋاقىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىش ھەتتا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىمۇ يالغانچىلىق قىلىپ دۇنيانى، بۇ ئالدامچىلىققا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.