قازاقىستاننىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئۆتكەن ياشلار مەشرىپىدە ئانا تىلىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن
2025.01.08
تارىختىن ئايانكى، ئۇيغۇرلار قەدىمىدىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، شۇ جۈملىدىن مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرى بولۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپنى ساقلاپ كەلگەن. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى قاتتىق چەكلىنىشكە باشلىدى. ھازىر بولسا، بۇ چەكلىنىش ھەددىدىن ئاشقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار مەشرەپ ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا، ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ماھىيىتىنى خەلق ئىچىدە تەرغىب قىلىشقا تىرىشماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا جاي-جايلاردا تەشكىللەنگەن ياشلار مەشرەپلىرىمۇ ھەر خىل مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئولتۇرۇشلارنى ئۆتكۈزمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى 2025-يىلنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ 200 دىن ئوشۇق ياشلىرى قاتناشقان مەزكۇر مەشرەپ بارلىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنغان ھالدا چوڭلارنىڭ دۇئالىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرنىڭ ساز-نەغمىلىرىنىڭ ئورۇنلىنىشى ۋە مىللىي تائاملارنىڭ سۇنۇلۇشى بىلەن باشلانغان.
مەشرەپتە سۆزگە چىققان چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ھاكىمى ئادىلجان قۇربانىيازوف، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف ۋە باشقىلار مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ئانا تىلىنى، ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاش ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، مەشرەپنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتى، ياشلارنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى رولى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەشرەپ داۋامىدا ئۇنىڭ ئەھلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا-سازلىرىدىن، ھەزىل-چاقچاقلاردىن بەھرىمەن بولدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چوڭ ئاقسۇ ياشلار مەشرىپىنىڭ بېگى شۆھرەت توختاخۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز يۇرتىمىزغا تۆت يىل مابەينىدە مەشرەپ بېرىۋېتىمىز. مەشرىپىمىزنىڭ مەقسىتى يۇرتىمىزنى ئۆملۈككە، بىرلىككە ئېلىپ كېلىش. يۇرتىمىزدا ھەر قانداق قىيىنچىلىقلار كۆرۈۋاتقان ئائىلىلەر بولسۇن، يۇرتنىڭ ئوقەتلىرى بولسۇن، ھەل قىلىشقا ياشلارنىڭ بېشىنى قوشۇۋاتىمىز. مەشرىپىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى قانداق تۇتۇشقا، يۇرتىمىزدا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈلۈشىمىزنى قوشۇۋاتىمىز. مەكتەپلىرىمىز بولسۇن، تەنھەرىكەت ساھەلىرى بولسۇن، ياشلىرىمىزنى قوللاۋاتىمىز، مەكتەپلىرىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىمىز»
چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشى تۇرغانجان ئىمىروف ئەپەندى يېزىدا ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ تارىخى بار يۇرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مانا بۈگۈن يۇرتىمىزدا ياشلار ئۇيۇشتۇرغان چوڭ مەشرەپ ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ مەشرىپىمىزنىڭ بولۇۋاتقىنى تۆتىنچى قېتىم. بۇنىڭ بارلىقى يۇرتىمىزنىڭ ئۆملۈكىنى، بىرلىكىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەشرەپ بۇرۇندىن ئاتا-بوۋىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى. مۇشۇنى مۇشۇ كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. چوڭلار، كىچىكلەر، ئاياللار كېڭىشى بولسۇن، ياخشى ئۇيۇشۇپ، ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. بۇرۇن كولخوز ۋاقتىدىن كېلىۋاتقان توسمىلىرىمىز، ئېرىقلىرىمىز بار. ھەر قانداق بالا-قازالار كېلىپ، شۇ توسمىمىزنى سۇ ئېلىپ كېتەي دەپ قالغاندا، مۇشۇ يۇرتىمىزدىكى ياشلاردىن 200-300 بالا چىقىپ، مۇشۇ كۆلنى قايتىدىن توسۇۋالدۇق دېسەك بولىدۇ. ئۇنى سۇ ئالغۇزماي، ياشلارنىڭ كۈچى بىلەن توسۇۋالدۇق. بىزنىڭ يۇرتتا ياشلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى نۇرغۇن.»
تۇرغانجان ئىمىروف يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن يىلى يېزىغا سۇ كىرىپ، يوللارنىڭ ياسالغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ بالىلارنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا مەدەنىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇلار قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتىكەن.
چوڭ ئاقسۇ يېزىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتلىك كېلىشىم ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مۇساجان تايىپوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن چوڭ يۇرتلارنىڭ بىرى چوڭ ئاقسۇدا مەشرەپ ئۆتۈۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزغا نەسىھەتلەرنى بېرىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساسىي مەسىلە قىلدۇق. ياشلار ئۇقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى مەشرەپتىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىمىزغا مەكتەپ توغرىسىدا ئېيتىۋاتىمىز. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلىرىمىز، سىنىپلىرىمىز يېپىلىپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن بالىلارغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، مەشرىپىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.»
ئىلگىرى يېزىنىڭ يىگىت بېشى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ھازىر جەمئىيەتلىك ئىشىنى ئاتقۇرۇۋاتقان يەنە بىر يېزا تۇرغۇنى ماخمۇت ئىسمايىلوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەشرەپكە ياشلار تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ھازىرقى كۈندە ياشلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ھەر ساھەلەردە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مەملىكىتى ‹ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا تىلىنى يۈتتۈرمەڭلار، ئانا تىلىنى يۈتتۈرگەن خەلق، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن تۈگەيدۇ› دەپ، بىزگە قانچىلىك ياخشىلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن سىرغا. بىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، نېمىشقا بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرگە، سىنىپلارغا بەرمەيمىز؟ بىز بالىلىرىمىزنى رۇس تىللىق سىنىپلارغا بەرسەك، كېلەچىكىمىز نېمە بولىدۇ؟ قازاقىستان مەملىكىتى، قازاق خەلقى بىزگە مۇشۇنداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقاندا بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇرچىغا بېرىشىمىز كېرەك. مەشرەپتە مۇشۇ مەسىلىلەرمۇ كۆتۈرۈلدى.»
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەشرەپلىرىنى «بالاڭنى دەسلەپ مەكتەپكە، ئاندىن مەشرەپكە بەر» دېگەن قەدىمدىن كېلىۋاتقان ماقال-تەمسىل ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولغانلىقتىن مەكتەپنى مەشرەپ بىلەن زىچ باغلاشتۇرۇش ئەنئەنىگە ئايلانغان.
چوڭ ئاقسۇدا ئۆتكەن مەشرەپكە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان شۇ ناھىيەنىڭ كىچىك ئاقسۇ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى زۇلمۇرات كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەشرەپ ئاتا-بوۋىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتنىڭ بىرى. بىز بالىلىرىمىزغا شۇ مەشرەپنى قالدۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەنئەنىسى دەپ ئويلايمەن. مەشرەپ گۈللەنسۇن. مەشرەپنى بالىلىرىمىزغا ئۆگىتەيلى. بارلىقىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرگە ۋە شۇنداقلا مەشرەپلەرگە بېرەيلى. ئۆز تىلىمىزنى، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۇنتۇمايلى، قېرىنداشلار».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەشرەپلىرىنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەتلىك ياشلار مەشرىپىدۇر. ئۇ 2007-يىلى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەر رايونلارنىڭ ياشلىرىنىڭ بېشىنى قوشقان. بۇ مەشرەپلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغا يەرلىك ھاكىمىيەت ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنىدىغان بولغان.