ئىستانبۇلدىكى ياشلار ئۇچرىشىشىدا ھەمكارلىق ۋە پىداكارلىق روھىنى دەۋا سېپىدە ئورتاقلىشىش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 3‏-نۆۋەتلىك «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» دا ھەمكارلىق ۋە پىداكارلىق روھىنى دەۋا سېپىدە ئورتاقلىشىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەمىمىيەت، قېرىنداشلىق، پىداكارلىق ۋە ھەمكارلىق روھى ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى» تەكىتلەندى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئاكتىپچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان بىرقىسىم ياشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 8 ‏-ئاينىڭ 25 ‏-كۈنىدىن 28 ‏-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 3 ‏-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 3‏-نۆۋەتلىك «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

بۇ ياشلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا تۈركىيەدىن 100 ۋە نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشقان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكۇر ئەركىن ئەكرەم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكۇر ئاتاۋۇللا شاھيار قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە ياشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى ئەمىر فارۇق ئۇزۇن پىنار ئەپەندى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمان ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان، ئەگەر تۈرك دۇنياسى تۈرك ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈرك. ئەگەر ئىنسانىيەت ئىنسان ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستاندا قەتل قىلىنىۋاتقانلار ئىنساندۇر. شەرقىي تۈركىستان يىللاردىن بۇيان قانىغان يارىمىزدۇر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلىنمايدۇ».

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 3‏-نۆۋەتلىك «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا بىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ب د ت مەسئۇللىرىغا، شەرقىي تۈركىستانغا دەرھال بىر ھەيئەت ئەۋەتىش، تەكشۈرۈشى خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى خەلقئارالىق دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە رەددىيە قايتۇرۇشى ھەققىدە چاقىرىق قىلىمىز».

يىغىندا يەنە نۇرۋىگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى مەردان ئۇيغۇر سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ دەۋا يولىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش، بۇ ئارقىلىق قوللىغۇچىلارنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرۈشنى بەزى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىكنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش يولىدا ئىزچىل مېڭىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

4 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا، «ياشلارنىڭ قۇتۇپلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى»، «مۇھاجىرەتتىكى مىللىي كىملىك كرىزىسى»، «ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»، «غەرب دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مېدىيانىڭ رولى» قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 3‏-نۆۋەتلىك «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل، تۈركىيە.

يىغىندا يەنە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، دەۋادا ياشلارنىڭ ئورنىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىن ئاخىرىدا، يەنى 28 ‏-ئاۋغۇست كۈنى يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى، خۇلاسە دوكلاتىنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئوقۇپ ئۆتتى.

خۇلاسە دوكلاتىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكىتلەندى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان خۇلاسە دوكلاتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «چەتئەللەردىكى مەۋجۇدىيىمىزنى ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياشلاردىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىگە مۇناسىپ ئائىلە كۈلتۈرىنى كۈچەيتىش. ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تور يۈزىدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان تىل-مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر مۇھىت بەرپا قىلىش. ئىسلام ۋە غەرب دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ياخشى تونۇشتۇرۇش، تەشكىلات-ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ھەر خىل تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانات يايدۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى كوللىتىپ ھالدا ھەمكارلىق ئىچىدە خىتايغا قارشى تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىش كېرەك».

يىغىندا ياشلارنىڭ ئورتاق ئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشى ۋە پىلان-لايىھىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ھەر قايسى ۋەكىللەر بىلەن ئورتاق بىر كومىتېت قۇرۇلۇشى قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىگە چىقىپ ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشى ھەققىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىندى.