ياسىن ئابدۇراخمان پەرزەنتىنى چەت ئەلدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ۋەيران بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ھەرخىل «جىنايەتلەر» بىلەن قارىلاپ، تۈرمىلەرگە سولاۋاتقانلىقى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تۈركىيەدىكى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ئەزىمەت مۇھەممەتجان يىللاردىن بۇيان ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇپ، 2014-يىلىدىن بېرى ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە تۈركىيەدە ياشاپ كەلمەكتە.

ئەزىمەت مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، قېينىئاتىسى ياسىن ئابدۇراخمان 1963-يىلى كورلانىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بۈگۈردە 10 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىگىسى ئىكەن. دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ياسىن ئابدۇراخمان بۈگۈردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

كورلانىڭ بوستان ژۇرنىلى تەرىپىدىن ياسىن ئابدۇراخمان «ئالدىن بېيىغان دېھقان» دەپ دەپ تەرىپلەنگەن.

ئەزىمەت مۇھەممەتنىڭ ئايالى پەرىزات ياسىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئەزىمەت 2020-يىلى 5-ئايدا بىر تونۇشى ئارقىلىق قېينىئاتىسى ياسىن ئابدۇراخماننىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا سەۋەبسىزلا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغانلىقى خەۋىرىنى ئالغان.

2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسىن ئابدۇراخماننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ياسىن ئابدۇراخماننىڭ تۈركىيەدىكى قىزى ۋە كۈيۈئوغلى 2018-يىلى 2-ئايدا ياسىن ئابدۇراخماننىڭ قول ئىلكىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توڭلىتىۋېتىلگەنلىكى خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ياسىن ئابدۇراخمان ھەققىدە 2020-يىلى7-ئايدا يوشۇرۇن سوت ئېچىلغان بولۇپ، سوتتا ياسىن ئابدۇراخمان «تېررورلۇققا ياردەم بېرىش» جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ياسىن ئابدۇراخماننىڭ كۈيۈئوغلى ئەزىمەت مۇھەممەتجان زىيارىتىمىز داۋامىدا، ياسىن ئابدۇراخماننىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نى بېكىتىشتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئايالى پەرىزات بىلەن بىللە مالايسىيادا ئوقۇش جەريانىدا قېينىئاتىسىدىن ئالغان ماددىي ياردەمنى «تېررورلۇققا ياردەم جىنايىتى» نىڭ ئىسپاتى قىلىپ سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

2018-يىلى 2-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ياسىن ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەن مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يولى بىلەن مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە ئەزىمەت مۇھچەممەتجاننىڭ ئايالى پەرىزات ياسىن خانىمنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق ئۆي، دۇكانلار، بىنالار ۋە شەخسىي ماشىنىلار قاتارلىق پۈتۈن مال-مۈلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىش ئالدىدا ئىكەن.

قىزى ۋە كۈيۈئوغلىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشىغا ماددىي ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياسىن ئابدۇراخماننىڭ سالامەتلىكى ئەھۋالى بۇرۇندىن ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن توققۇز قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئىكەن. ئائىلىسى ياسىن ئابدۇراخماننىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتىكەن.

ئەزىمەت مۇھەممەتجان ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا ياسىن ئابدۇراخمان ئەپەندىمنىڭ سالامەتلىكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزىمەت مۇھەممەتجان ئەپەندى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ داۋاسىنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئالدىدا تەشكىللەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە.

لاگېر قۇربانلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، داۋا سەپدىشى بولغان ئەزىمەت مۇھەممەتجان ئەپەندىمنىڭ ئائىلىسىنى ئىزدەش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىللىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پارچىلانغان ئائىلىلىرىنىڭ داۋاسىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.