«ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارلىنىدىغانلىقى مەلۇم

خىتاي دائىرىلىرى ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارغا ئېچىلغان مەكتەپلەرنى ھەممە نەرسىسى تەل «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەكتەپ ھەققىدە ئاشكارىلانغان بەزى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارماقتا.

«زىمىستان تورى» دا بېرىلگەن بىر تەپسىلىي خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ خىل مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار خارلىنىدىكەن، ئوزۇقسىز قالىدىكەن ۋە روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىكەن.

خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىر «ياتاقلىق مەكتەپ» ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى 9 ياشلىق گۈلنار ئەسلى شادىمان بىر قىز بولۇپ، ئۇ، بۇ مەكتەپكە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزدىن كۈلكە پۈتۈنلەن كۆتۈرۈلگەن.

ئۇ دەرسكە دىققەت قىلالمايدىكەن، دائىم يىغلايدىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش بولسا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم سىرتتا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بېرىلىدىغان قىسقىنىغا رۇخسەت ئىكەن. ئۇنىڭ شۇ كۈن كەلگۈچە تاقىتى تاق بولىدىكەن ۋە ئىلتىماسنى بالدۇر تاپشۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە ئالدىرايدىكەن.

سىرتتا تۇغقانلىرى يوق باشقا بالىلارغا تەشۋىقات فىلىمى كۆرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىغا كۆكتات بىلەن گۈرۈچ بېرىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار دائىم بۇ تاماققا تويمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يېرىم يىلدا بىر قېتىم بىر تاختا سوپۇن ۋە بىر قاپ چىش پاستىسى تارقىتىلىدىكەن. ئىسسىق سۇ ئاساسەن يوق بولۇپ، بالىلار پاكىزلىقىدا گۇمان بولغان تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مەكتەپتىكى ئەھۋاللارمۇ بايان قىلىنغان. بۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار مەكتەپتە قاتتىق قىينىلىدىكەن.

بەزى ئانىلار ئەرلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، ئۆيىدە يەيدىغان پۇل يېتىشمىگەچكە مەكتەپ فورمىسىغىمۇ چىقىش قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. بەزى ئانىلار پۇل تېپىش ئۈچۈن نىمكار ئىشلەپ ئۆيلىرىگە كەچ قايتقاچقا، بۇنداق ئاياللارنىڭ بالىلىرىنىڭ كىملىرىنى يۇيۇپ بېرىدىغانغىمۇ ۋاقتى چىقماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىكەن. بۇنداق بالىلار مەكتەپكە ئىسسىقسىز، مەينەت كىيىملەرنى كىيىشىپ كېلىدىكەن ۋە چۈشكۈنلۈكتە كۈن ئۆتكۈزىدىكەن.

خەۋەردە يەنە كورلادىكى بۇ بىر پاراۋانلىق مەركىزى مىسال قىلىنغان. بۇ ئۇرۇنغان ھەر كۈنى كەچ 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بىر نەچچە بالىنى ساقچى ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ بارىدىغان ئۆيى يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئېلىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي بۇ ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتتا قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ «توققۇزى تەل ياتلىق مەكتەپلەردە كۈتۈلۈۋاتقانلىقى» نى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە خىتاينى بۇ لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىرغان.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىدىكى «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى موزىيى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن ئىدى.