تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپ» لىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قورال بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ كۆلەمدە ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بۇ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئاتا-ئانىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بۇ بالىلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «ھەقسىز مائارىپ» نامىدىكى بۇ ياتاقلىق مەكتەپلىرىدە ئانا تىلى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن خالىي ھالدا خىتاي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تەربىيەلىنىشكە مەجبۇر بولغان.

ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش نۇپۇزلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا، رايوندىكى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 380 مىڭدىن 900 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا تۇتقان ئورنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانى رەھبىرى، رىم پاپاسى فرانشىسنىڭ 19-ئەسىردە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىگە ئاچقان «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» دىكى خورلاش ۋەقەلىرىدە كاتالىك چېركاۋىنىڭ ئوينىغان رولى توغرىلىق ئەپۇ سورىشى، دەۋرىمىزدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېچىلغان «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە بولغان دىققەتنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئامېرىكادىكى «خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزى تەشكىلاتى»، «يىپەك يولى تىنچلىق قۇرۇلۇشى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى»، «ئۇيغۇر ھەركىتى» ۋە ««ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق تەشكىلاتلار 26-ئىيۇل بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قورالى بولغان ھۆكۈمەت ياتاقلىق مەكتەپلىرى» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئەنە شۇ تېمىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

يىغىندا «خەلقئارا تىنچلىك كاتالىزى تەشكىلاتى» نىڭ پروگرامما دېرىكتورى بىل كلاركنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ياتاقلىق مەكتەپ ئاسسىمىلاتسىيە پروگراممىسى ئىكەن. بىل كلارىك مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۈگۈن تىبەت ۋە خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى رايوندا تولۇق ئوتتۇرادىن تۆۋەن يىللىقلاردىكى 2 مىليونغا يېقىن بالىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇيدىغنالىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇق. بۇ مەكتەپلەر بالىلارنى ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن مەھرۇم قىلماقتا. ھازىرقى بۇ مەكتەپلەر دۇنيا تارىخدىكى ئەڭ چوڭ ياتاقلىق مەكتەپ ئاسسمىلاتسىيە پروگراممىسىدۇر.»

ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» بىر ئەۋلادتا مەدەنىيەت ۋە تىلنى يوق قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى ئىكەن. بىل كلارك، خىتاينىڭ بۇنى شىمالىي ئامېرىكادىن ئۈلگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تەرىپى، بۇ خىل مەكتەپلەر يېڭى نەرسە ئەمەس. بۈگۈن سىلەر تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، قازاق پەرزەنتلىرىنى سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ھەركىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىغا دائىر ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەپسىلاتلىرىنى سۇنىۋاتىسىلەر. لېكىن ھەقىقەت شۇكى، خىتاي بۇنى شىمالىي ئامېرىكادىن ئۈلگە ئالغان. ئاڭلايسىلەر، شۇنىسى ئېنىق بولسۇن، ياتاقلىق مەكتەپلەر پەقەت بىر ئەۋلادتا مەدەنىيەت ۋە تىلنى ئۈنۈملۈك رەۋىشتە يوق قىلىدۇ. بىز بۇنىڭ راست شۇنداق بولىدىغانلىقىنى خىتايدىن، شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكانىڭ تەجرىبىسىدىن بىلىمىز.»

يىغىندا يەنە گېرمانىيەلىك داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپ» لەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىنى سۇنغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياتاقلىق مەكتەپلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەن. خىتاينىڭ پىلانى بۇ خىل مەكتەپلەرنى 2020 يىلغىچە 80 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش بولسىمۇ، بىراق 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ شىددەتلىك كۆپىيىپ 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دۆلىتى بۇ مەقسەتتە بىر يۈرۈش مېخانىزىملارنى بەرپا قىلدى. ئەلۋەتتە، ياتاقلىق مەكتەپلەر ۋە مائارىپ بۇنىڭ مۇھىم پارچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ئومۇمىي جەھەتتىن، بولۇپمۇ يېزا-كەنتلەردە مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش، مائارىپ ساپاسىنى ياىشىلاش نامىدا ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قىزىقارلىق يېرى بۇ سىياسەتنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تېخىمۇ شىددەت بىلەن كېڭىشى بولدى.»

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ سابىق سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇ يەسلى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى 2017-يىلى كۈزگىچە 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رايون ئىلگىرى 2020-يىلغىچە رايوندىكى 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ 80 پىرسەنتىنى يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانى تۈزگەن. بۇ پىلان 2016-يىلنىڭ باشلىرىدا تۈزۈلگەن ئىدى. بىراق رايوندىكى 2017-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ پىلانلىغۇچىسى بولغان چېن چۈەنگو، 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، رايوندىكى يەسلى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر شىددەتلىك كۆپەيدى. مەسىلەن، چېن چۈەنگو ھۆكۈمەتنىڭ 2020-يىلغىچە يەسلى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى 80 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانىنى، 2017-يىلى كۈزگىچە 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. قەشقەرنىڭ 5 يىللىق پىلانىدا 2020-يىلغىچە 490 يەسلى قۇرۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، بىراق 2017-يىلى كۈزگىچە 1150 يەسلى قۇرۇلۇپ بولدى.»

يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىدىن مەھرۇم قويغانلىقى، بۇ خىل مەكتەپلەر خىتاينىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەركىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەلفىدار ئېلتەبىر مۇنداق دەيدۇ: «سۆيگۈ، خوشاللىق، ئىشەنچ، مەرھەمەت، ھەمبەھىر بولۇش دېگەن بۇ خىل تۇيغۇ ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بالىلار ئالدى بىلەن ئائىلىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى مانا مۇشۇنىڭدىن باشلانسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ ئەخلاقىي پرنسىپلاردىن مەھرۇم بولۇپ ياشاشقا ۋە چوڭ بولۇشقا مەجبۇر قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ۋە قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا ئاچقان ياتاقلىق مەكتەپلەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشتەك سىستېمىلىق ئۇرۇنۇشى بولۇپ، 900 مىڭ بالا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.»

ئەلفىدار خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىشتىكى غەرىزى ئۇلارنىڭ كىملىكى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەن. ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇنداق دېدى: «ئۇلارنى ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى سۆيگۈ ۋە خوشاللىق مۇھىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ناتۇنۇش ئورۇنلارغا مەھكۇم قىلىشىدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە بېغىنى، ئۇلارنىڭ تىلى، كىملىكى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە دۇنياسىنى ۋەيران قىلىش، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق مۇردىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. خىتاي بالىلارنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، ئېتىقادى ۋە روھىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز، ھازىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.»

يىغىندا يەنە «يىپەك يولى تىنچلىق پروگراممىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى نەيتىن دۇدلېس سۆز قىلىپ، «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئېغىز ئەدىبىياتىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاغزاكى ئېيتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىنىڭ يوقىلىشى بىر چوڭ تراگېدىيە ئىكەن. نەيتېن دۇدلېس ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مەزگىل ياشاش جەريانىدا ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئېغىز ئەدبىياتى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى، بىراق ھازىر بۇ مول مەزمۇن، چوڭقۇر مەنىگە ئ‍ىگە ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ تېز يوقىلىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ نۇقتىئ‍ينەزەرىمدىن ئېيتقاندا، مەن بۇ رايوندا ياشىغان مەزگىلىمدە ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئەقلىيە سۆزلىرىنى ئ‍ۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن پەقەت ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقا بىر مىسال كەلتۈرگۈن بار. چۈنكى مەن ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى مۇكەممەل گۈزەللىك ۋە چوڭقۇر مەنىلەرنى بايقىدىم. كۆپ ھاللاردا ۋەزنىلىك ھەم يۇمۇرلىق بۇ ماقالە-تەمسىللەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى توپلىغان زامان ھالقىغان ئەقىل خەزىنەسىدۇر. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىدىن بالىلارغا ئاغزاكى ئېيتىلىپ كەلگەن بۇ خەزىنەنىڭ يوقىلىشىنى كۆرۈشنىڭ ئ‍ۆزى بىر چوڭ تراگېدىيە.»

نەيتېن دۇدلېس يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىتا «ئ‍ۆزىگە بېقىپ گەپ قىلىش» (whataboutism) مەنتىقىسىنى قوللىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىش تاكتىكىسى توغرىلىق توختالدى. نەيتېن دۇدلېسنىڭ ئېيتىشىچە، غەربنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆز كەچمىشى توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي نۇپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

نەيتېن دۇدلېس مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بۇ بىزنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش ۋە بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىمىزغا بەكمۇ ئالاقىدار. بىز بۇ ھەقتە توختالغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ كەچمىشى توغرىلىق ئىزچىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىمىز كېرەك. مېنىڭ غەربلىك خىزمەتداشلىرىمغا دېگىنىم، بىز بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلساق، بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىي نۇپۇزىمىزنى كۈچەيتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرمىغانلىقىمىز ۋە بۇنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن قىلمىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغنالىقىنى بىز بىلىمىز. بىراق بۇ دۇنيا جامائەت پىكىرىنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ تەشۋىقاتىنى كېرەكسىز قىلىدۇ.»

«ھۆكۈمەتنىڭ ‹ياتاقلىق مەكتەپلىرى› ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قورالى» ماۋزۇلۇق بۇ تور يىغىنى، رىم پاپاسى فرانشىس كانادانى زىيارەت قىلىپ، كانادا يەرلىك خەلقلىرىدىن كاتولىك چېركاۋىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرغان «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى خورلاش قىلمىشلىرىدا ئوينىغان رولىدىن رەسمى كەچۈرۈم سورىغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. رىم پاپاسى فرانشىس 24-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە كانادادا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسى ماكىسۋاكىس رايونىدىكى يەرلىك ئىندىيان قەبىلىلىرىگە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنى «ئەپۇ قىلىشى» نى ئۆتۈنگەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى يەرلىك بالىلىلىرىغا قارىلغان جىسمانىي، جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭغا دائىر پاكىتلارنى ئېلان قىلغان. كانادا ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى بۇ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ رەسمنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلمىشىنى ھەقلىق قىلىپ ككرسىتىش ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتىنى «سىلەرمۇ بۇرۇن يەرلىك ئىندىيانلارغىمۇ زۇلۇم قىلغانغۇ» دەپ ئەيىبلەپ، ئۆز جىنايەتلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا.