تەتقىقاتچىلار: «خىتاي ھۆكۈمىتى ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ‹يېڭى ئەۋلاد پىروگراممىلانغان ئۇيغۇرلار›نى يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا»
2024.09.09
چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە 1 مىليون 250 مىڭ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە قازاق پەرزەنتلىرىنى جىددىي تۈردە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئائىلە مۇھەببىتى، ئاتا-ئانا تەربىيەسى، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى، دىنىي ئېتىقادى. شۇنداقلا يىلتىزىدىن ئايرىپ، مېڭە يۇيۇش ۋە پىروگراممىلاش ئارقىلىق ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى قايتا يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى 5-سېنتەبىر كۈنى «زىمىستان» (Bitter Winter) تورىدا خىتاي ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە تۇتۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) دىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوق قىلىۋاتىدۇ».
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى مائارىپنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلماقتا. ياتاقلىق مەكتەپلەر خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋاسىتە، يەنى قورال بولماقتا. ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن مەھرۇم قىلماقتا. پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىستراتېگىيەسىدە، خىتاي دۆلىتى مائارىپتىن قورال سۈپىتىدە پايدىلانماقتا».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بېن كاردۇس (Ben Carrdus) «زىمىستان» (Bitter Winter) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان يۇقىرىقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرگە قوشۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ناھايىتى تېز ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ رايوندا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خىتاينىڭ بۇ مائارىپ سىياسىتى ئۇزۇندىن بۇيان رايوندىكى يەرلىك ئاساسلىق تىل بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى تارايتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ياتاقلىق مەكتەپ سىستېمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كەسكىن تىرىشچانلىق ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ».
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىرگىنچلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ئۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ۋە خىتاي ئىدېئولوگىيەسىنى يولغا قويۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇل تېشى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ».
بېن كاردۇس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان ۋە پىروگراممىلانغان «يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر» لارنى قايتا يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: «مۆلچەرلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە 1 مىليون 250 مىڭ ئوقۇغۇچى بار. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خىتاي بولمىغان تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلىق بايانلارغا قوشۇلىمەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇھىم خاراكتېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش، يەنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ تولۇق بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت. خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىتىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. يەنى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر بالىلارنى ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت ۋە خەلقتىن ئايرىپ، ئۇلارنى يات مۇھىت ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلەۋاتىدۇ. ئۇلار بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى، يەنى يىلتىزىدىن ئايرىپ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ‹مېڭە يۇيۇش› دېگەن بۇ ئاتالغۇ بەك ئاجىز ئىپادە بولۇشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىلانىدىكى ‹يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر›لارنى قايتا يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دېمەي، نېمە دەيمىز؟»
جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتچىسى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) مۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان خەلقلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنى لاگېرغا سولاپ جازالىدى، كىچىك بالىلارنى يەسلى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ياكى دارىلئېتاملارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ خىتاينىڭ پەقەت بىرلا مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، ھەممە كىشى ئۆزىنى خىتاي دەپ قارايدىغان، بارلىق ئېتنىك توپلۇقلارنى خىتايغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس».
خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان زور تۇتقۇنىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليون تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلارغا، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپ» لەرگە قامالغانلىقى، ئۇلارغا جىددىي رەۋىشتە خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىدىن يېتىم قالغان 6 مىڭدەك بالىنىڭ دېلوسىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان. ئۇلارنىڭ بۇ يىل نىڭ 3-مارتتا X تە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار يەنە ئاتا-ئانىسى لاگېرنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، ئەمما يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەن 1700 دىن ئارتۇق بالىنىڭ دېلوسىنى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. يېقىندا فېيىسبۇكتا 4 بالىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياتاقلىق مەكتەپكە ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ داد-پەريادى كۆرسىتىلگەن بىر كۆرۈنۈش كەڭ تارقالدى. بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى «ئەندىشە قىلارلىق» ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ بىلەن كانادادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ماۋزۇسىدا مەخسۇس بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئاساسلىق قىلىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن مەھرۇم قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان يۈز مىڭلىغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇلاھىزە قىلىنغان. يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ فېرناند ۋارېننېس (Fernand de Varennes) قاتارلىق ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى، ئۇيغۇر سەبىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ھالنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.