خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان ئىستېمال مەدەنىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (TRT) ۋە ياۋرو-نيۇس قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋان بازارلىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى، خىتاي ۋە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ياۋايى ھايۋان ئىستېمالىنىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەر يەنە بىر قېتىملىق ۋابانىڭ كېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن.

ۋابا ھالىغا كەلگەن كورونا ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، تۇنجى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋان بازىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تەرەققىي قىلغان نۇسخىسىنىڭ شەپەرەڭ، پانگولىن ياكى يىلانغا ئوخشاش يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلاردىن ئىنسانغا يۇققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىر نەچچە خىل ئېھتىماللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتتى.

ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانى قورقۇتقان SARS ۋىرۇسىمۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىنسانغا يۇققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، SARS ۋىرۇسى 774 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرىكى يىللاردا ياۋايى ھايۋان تىجارىتى ۋە ئىستېمالىنىڭ خەتىرى ھەققىدە بۇرۇنلا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ماس تەدبىر تۈزمىگەن. 2007-يىلى 4 خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىس، كلىنىكىلىق مىكروبىيولوگىيە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شەپەرەڭ ۋە جەنۇبى خىتاي رايونىدىكى سۈت ئەمگۈچى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مول مىقداردىكى SARS-كورۇنا تىپىدىكى ۋىرۇسلارنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان ئىستېمال ئەنئەنىسىنىڭ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئېھتىماللىقى بولغان سائەتلىك بومبىغا ئوخشايدىغانلىقى ئېيتقان.

زىيارىتىمىز داۋامىدا دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىم بۇندىن بۇرۇن ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقۇش ئەھۋالىنىڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ مەزكۇر ۋابانىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

«خەلقئارا كىشىلىك جەمئىيىتى» (HIS) نىڭ ئېيتىشىچە، ئاسىيا قىتئەسىدە يىلىغا 30 مىليون ئىت ئۆلتۈرۈلىدىكەن. خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكلاتىدا ياۋايى ھايۋان باقمىچىلىقى ۋە ئىستېمالىنىڭ يىلىغا 57 مىليارد دوللار قىممەت يارىتىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

دوكتور مەمەت ئىمىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرلىشىش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، ھايۋانلارغا مەنسۇپ رايونلارنىڭ تارىيىشى، ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا خالىغانچە چېقىلىشى ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ياشاش مۇھىتىغا تەھدىت سېلىشى سەۋەبىدىن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسلاردىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئىنساندا تارقالمايدىغان، ئىنساندا كېسەل پەيدا قىلمايدىغان ھالەتتىن كېسەل پەيدا قىلىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم.»

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان بازارلىرى ۋە ياۋايى ھايۋان ئىستېمال مەدەنىيىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ داڭلىق مودا ناخشىچىسى دېمەت ئاكالىن خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان بازارلىرىغا قارىتا ئېغىزىنى بۇزۇپ، قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىنكاس يازغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى تىۋىتېردا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يېمەكلىك مەدەنىيىتىدە ياۋايى ھايۋان ئىستېمالىنىڭ يوقلۇقىنى، «ياۋرو-نيۇس» نىڭ يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، دېمەت ئاكالىننىڭ باھالىغۇچى بولۇپ بېرىشىنى ئېيتقان.

خىتاي باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى يەنە، تىۋىتىر ھېسابىدا تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئېلان قىلغان ۋىدىيونىڭ خىتايدا سۈرەتكە ئىلىنمىغانلىقىنى، خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان بازارلىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە «يالغان خەۋەر تارقىتىپ 1-ئاپىرىل چاقچىقى قىلىۋاتامسىلەر؟» دەپ سوئال قويغان.

يۇقىرىقى تالاش تارتىشتىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئابۇنىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مازاق قىلىنغان. بەزى تورداشلار مەسخىرە قىلىپ خىتايدىكى ياۋايى ھايۋان بازارلىرىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىغا قارىتىپ: «خىتايدا COVID-20 تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلانغان ئوخشايدۇ» دېسە، بەزى تورداشلار خىتايغا ئوخشاش ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنى ساختا خەۋەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە قاراپ قاتتىق ھەيران قالغان.

تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتىردىكى رەسمىي ھېسابىدا ئېيتىلىشىچە، قانۇنغا خىلاپ ئوۋچىلىق قىلىش، سېتىش، يۆتكەش ۋە ياۋايى ھايۋان ئىستېمالى قاتتىق جازغا تارتىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ ياۋايى ھايۋان ئىستېمالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، شىنجىن شەھىرىدە مۈشۈك ۋە ئىت گۆشى تىجارىتى ۋە ئىستېمالىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئىت ۋە مۈشۈك گۆشىنى چەكلىگەن خىتايدىكى تۇنجى شەھەر ھېسابلىنىدىكەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى ناچار يېمەكلىك ئادەتلىرى ۋە ياۋايى ھايۋان تىجارىتىنىڭ يېقىندا تۈزىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. 2003-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان سارىس ۋاباسى جەريانىدا خىتايدىكى ھايۋان بازارلىرىدا ياۋايى ھايۋان تىجارىتى ۋاقىتلىق توختىتىلغان ئىدى. لىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چەكلىمە بوشىتىلىپ، ياۋايى ھايۋان تىجارىتى داۋاملاشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس دوكتور غۇنى(يۈسۈپجان) ياۋايى ھايۋان ئىستېمال مەدەنىيىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.