رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، بۇ ياۋروپادا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغان.
بلۇمبېرگ(Bloomberg) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %25.9 ئاشقان. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سېتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، 16 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر ئانالىز تورى كۇئارتىس(quartz) نىڭ ئانالىزچىسى مەرى خۇي(Mary Hui) نىڭ 22-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ياۋروپا رۇسىيەگە بولغان ئېنېرگىيە بېقىندىلىقىنى، خىتايغا بولغان قۇياش ئېنېرگىيەسى بېقىندىلىقىغا ئالماشتۇردى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، مۇستەبىت بىر دۆلەتكە بەل باغلاشنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان خەۋپىدىن ئۇيغانغان بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئۈچۈن خىتايدىن ئىبارەت يەنە بىر مۇستەبىت دۆلەتكە تايىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتىكەن.
ئامېرىكالىق ئىشلەپچىقارغۇچى، بىرىنچى قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتى(First Solar) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك ۋىدمار 22-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيەنىڭ لۆ ئەكوس(Le Echos) گېزىدە ئېلان قىلىنغان «ئەركىن ئېنېرگىيە» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز تېخنىكا ئۈچۈن مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قالمىساقلا، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئەركىنلىك ئېنېرگىيەسىدۇر».
بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان زىيارىتىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايغا بېقىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (قانچىلىك دەرىجىدە زۆرۈر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ھەر قانداق ئاممىۋى سىياسىتىمىزنىڭ نەتىجىسى سەلبىي ۋە پاجىئەلىك بولىدۇ. ساغلام سانائەت ئىستراتېگىيەسى ۋە سودا سىياسىتىمىز بولمىسا، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بولىمىز. بىزنىڭ ئاممىۋى ئىقتىسادىمىز خىتاينىڭ زالىم سىستېمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. رۇس گازىغا بولغان بېقىندىلىقنىڭ ئورنىنى، خىتايغا بولغان بېقىندىلىق ئېلىۋاتىدۇ».
خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خوشىن كرېمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق قۇياش ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان 5 شىركەتكە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.
ئەنگلىيەدىكى شەفىلىت ھېلىم(Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نايرولا ئەلىمە (Nyrola Elimä) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ خىتايدا تەمىنلەش زەنجىرى مەۋجۇت ھەر بىر شىركەتنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى شىركەتلەر تەتقىقاتچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ماددىي ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«مەجبۇرىي ئەمگەك ئىنساننىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر. مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر».
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياۋروپادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتىكى رولى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقان بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئىككى يىل ئىككىلەنگەندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا قارشى چەكلەش مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە، كومىسسىيە بىزگە بۇ خىل قانۇننىڭ ‹ئىنتايىن مۇرەككەپ› ۋە ‹ئىنتايىن خەتەرلىك› ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا كەم بولغان نەرسە پەقەت سىياسىي ئىرادە ئىدى. لوبىچىلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بىلەن يۈزلىشىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئىرادە ئاخىرى پەيدا بولدى».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان ئىمپورت چەكلىمىسى سىياسەتنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قانۇننىڭ پۇل ۋە ھوقۇق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرا-خاتانى ئايرىمايلا خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ئىستېمال قىلىدىغان بىر قىتئەگە ئايلىنىپ قالدى. لېكىن بىز ئاستا-ئاستا ئويغىنىشقا باشلىدۇق».
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2011-يىلى ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى بازىرىنىڭ %70 نى، خىتاي %10 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2021-يىلىغا كەلگەندە خىتاي يەرشارى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %75 نى، ياۋروپا بولسا ئاران %2.8 نى ئىگىلىگەن.
دىلنۇر خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ياۋروپادىكى قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ بۇ ساھەدە كۈچىيىشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.