ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىمىغا قارشى نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟
2019.03.29

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم سۆھبەتلەردە بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە قانداق مەيداندا تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.
گېرمانىيەدىكى «مېركاتور خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغىلى بولىدىكەن. «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نېمە قىلىشى كېرەك؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئورتاق بىر دىپلوماتىك تىل شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىشتا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۆز-ئارا ۋە شۇنداقلا باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكى» بىلدۈرۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىممۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مۇستەقىل زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىمۇ ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەھەتتىكى ئەندىشىلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، ئۇلار خىتايغا نىسبەتەن كەسكىن بولغاندىلا نەتىجە ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى 27-مارتتىن 29-مارتقىچە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ زىيارەت، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دەل مۇشۇ مەزگىلدە، يەنى 25-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ باياناتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ھازىرچە قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەزكۇر باياناتچى بۇنىڭغا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پرىنسىپ جەھەتتە زىيارەت تەكلىپىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىللە بۇ خىل زىيارەتنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەن.
سوفېي رېچاردسون خانىم بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئېلىپ، بۇنى «خىتايغا بېرىلگەن ياخشى بىر سىگنال»، دەپ كۆرسەتتى.
سوفېي رېچاردسون خانىم سۆزىدە: «مېنىڭچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى ناھايىتى دىققەت قوزغايدىغان بىر ئىش بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىيارىتى ئارقىلىق بۇ ئىشنى ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولغان ئىدى. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تەلەپنى رەت قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى يۇقىرى كۆتۈردى» دېدى.
دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى باياناتچىسى 25-مارت كۈنىدىكى سۆزىدە بۇ زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرى ھېسابقا ئېلىنغان زىيارەتلەرنى چوقۇم ئويلىشىمىز» دېگەن.
گېرمانىيەدىكى «مېركاتور خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتىمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويۇشى كېرەكلىكى، ھەر قېتىم «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ تەڭ كۆتۈرۈپ چىقىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا: «خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىش تەكلىپى قويغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرت قىلىپ خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك» دېيىلگەن. يۇقىرىدىكى ئورگان، شۇنداق قىلغاندىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى يۇمشىتىشىغا بەلگىلىك يول ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوفېي رېچاردسون خانىممۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئاخىرى بېرىپ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللانمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ كۈچىيىپ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، خىتاي سەۋەب بولۇۋاتقان ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى مەسىلىسى، مۇستەقىل ئاخباراتچىلىق مەسىلىسى ھەمدە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھاكىممۇتلەق ئىدىيىسىنى يېيىشتىن ئىبارەت خەۋپى بىلەن يۈزلىشىپ ئولتۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ!» دەپ كۆرسەتتى.