بىريۇسسېلدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بىريۇسسېلدىكى خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان بىنا ئالدىدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈن 9-ئاپرېل كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى باشلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچەك پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئاساسىي تېما بولغان بۇ يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلىپ قاتناشقان.

ئەمما خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن. ياۋروپا كومىسسىيونى بىناسى ئالدىغا توپلانغان بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ قارشىلىقلىرىنى نامايان قىلغان.

بىريۇسسېلدىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى. بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا كۆز يۇمماسلىقنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە بۇ نامايىشقا داخىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە كۆپ ساندا تىبەتلىكلەر ھەم مەركىزى بىريۇسسېلدا بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئالايىتەن گوللاندىيەدىن بېرىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى نامايان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولمىغان. د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن زەينىدىن ئەپەندىمۇ نامايىش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەدىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر 900 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ بۇ نامايىشقا كېلىپ قاتناشقان. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقىنىغا قارىماي، نامايىشنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جاراڭلار شوئارلار بىلەن ناھايىتى روھلۇق كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.