خۇاۋېينىڭ 5G تور ئېقىمىنى ياۋروپادا ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىغا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە توسالغۇ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
7-نويابىر جەنۇبىي تىرول توربېتىدە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندرۇس ئانسىپنىڭ ئېستونىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە سۆزلىگەن نۇتقى ئېلان قىلىندى. ئاندرۇس ئەپەندى سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ۋە پۈتۈن ياۋروپا تەۋەسىدە 5G تور ئېقىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، بۇ تور ئېقىمىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، «ئەمما بۇ شىركەتنىڭ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، مەزكۇر تور ئېقىمىنىڭ جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە يۈكلىگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىلەر بولغانلىقى» ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن تېخى ئۆتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئاندرۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ نوكىئا ۋە ئەرىكسون شىركەتلىرىدىن قالسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە 28 دۆلەت مىقياسىدا 5G تور ئېقىمىنى ئەرزان باھادا ئومۇملاشتۇرالايدىغان شىركەت خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتى ئىكەن. بۇ تور ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى ھازىرقىدىن 10 ھەسسە تىز بولىدىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا قارا تىزىملىككە ئالغان خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈستىدە ئېغىر گۇمانلار مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىر قارارغا كەلمىگەن.
ئاندرۇس مۇنداق دېگەن: «خۇاۋېينىڭ 5G تور ئېقىمىنى ياۋروپاغا ئۇلىشىنىڭ ئىستىقبالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. خۇاۋېينىڭ جۇغلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىش ئېھتىماللىقى ئەندىشە قوزغىماقتا».
ئاندرۇس سۆزىدە يەنە، 2017-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر قانۇن ماقۇللاپ، پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ نازارىتى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى قوزغىغان.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندرۇس ئانسىپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھەممىدىنمۇ مۇھىم بولغىنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك نازارەت پىلانى بولغان «ئۆتكۈر كۆز» ناملىق قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق چىراي تونۇش، ئانالىز قىلىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىمەن.
ئاندرۇس مۇنداق دېگەن: «ئالاھىدە تەرىپى، خۇاۋېىي شىنجاڭدىكى نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا ھەمكارلاشقان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ھەمدە قازاق قاتارلىق كۆپلىگەن ئازسانلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. بۇ مىللەت كىشىلىرى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى›گە سولىۋېلىنىپ ئېغىر ئازاب چېكىۋاتىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت مەلۇماتلار دۇنيا جامائىتى ئالدىدا بارغانسېرى كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە 1.5 مىليون ئىنسان سولاقتا تۇرماقتا. تېخنىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئېنىقلاشلار ئېلىپ بېرىلسا، بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇشىدا خۇئاۋەئىنىڭمۇ ھەسسىسى بار».
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ياۋروپا مىقياسىدا سانلىق مەلۇمات تورىنى 5G گە ئوخشاش يۇقىرى سۈرەتلىك ئېقىمدا ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلىغا 450 مىليارد ياۋرو تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بۇ قەدەر چوڭ بىر قۇرۇلۇشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە خىتاينىڭ خۇاۋېيغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسى بارغانسېرى قاتتىقلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئالدىنقى ئاي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە داغدۇغىلىق خاتىرىلەش تەلىپىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندرۇسنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا «خۇاۋېي سايە قىلىۋاتقان 5G نىڭ سۈرئىتى تېز، تەننەرخى ئەرزان ئىكەن. ئەمما ئۇ ياۋروپا تور ئېقىمىغا ئۇلانماقچى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئالدى بىلەن خۇئاۋېينىڭ جاسۇسلۇق قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر توختامغا قول قويۇشى كېرەك» دېگەن.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭ 5G تور ئېقىمىنى ياۋروپاغا ئۇلاش مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى نۆۋەتتە خۇاۋېيدىن كېلىدىغان خەتەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. خۇاۋېينى ئامېرىكىغا ئوخشاش قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا يول قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالدىمىزدىكى 12-ئايدا قارار ئېلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00