ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلادىن بېيجىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى «ئاخبارات كۆزنىكى» تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «ۋوندىرلىن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، باش شتابى گېرمانىيەنىڭ گۆتىنگەن شەھىرىدە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندىرلىندىن 12-ئايدا ئېلىپ بارىدىغان بېيجىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق قاماقتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختى بىمەنە سوتلار ئارقىلىق مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىندى. يەنە قانچە يۈزلىگەن زىيالىي ۋە يازغۇچىلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقىنى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە تاشلاندى ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندىرلىننى12-ئاينىڭ باشلىرى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا چاقىرىدۇ».

خەۋەردە يەنە مۇنداق جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «‹خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى› ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھاننو شېدلېر مۇنداق دېدى: ‹خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىق ئىدى. يەنە يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرى تۈرمىگە تاشلاندى، جازا لاگېرلىرىغا قامالدى ياكى كېيىنكى يىللاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى».

گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خاننو شەدلەر د ئۇ ق نىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا سوز قىلماقتا. 2017-يىل نويابىر، گېرمانىيە.
گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خاننو شەدلەر د ئۇ ق نىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا سوز قىلماقتا. 2017-يىل نويابىر، گېرمانىيە. (RFA/Ekrem)

ھاننو شېدلېر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تارىخىنىڭ خېلىلا ئۇزۇنلۇقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە زامان-زامانلاردىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ 2014-يىلى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسەتتۇق. جازا لاگېرلىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى. بىز ھەر بىر پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىمىز. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندىرلىن خىتايغا زىيارەتكە بارماقچى. بىز ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىشىنى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

گېرمانىيەدىكى مەيلى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» بولسۇن ياكى خىتاي بىلەن ئالاقىدار تەتقىقات ئورگانلىرى بولسۇن، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە بارغانسېرى چۇڭقۇر دىققەتنى تارتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھاننو شېدلېر سۆزىدە يەنە، ئىلھام توختى ۋە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ نامەلۇم بولۇشى ياكى غايىب قىلىۋېتىلىشىنىڭمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭمۇ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلغان سانسىزلىغان بالىلار ئۇچراۋاتقان خورلۇقلارنىڭمۇ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوچۇق ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندىرلىنغا قاراتقان بۇ باياناتىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەدىلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ بەلگىلىك دىققەت قوزغايدىكەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 2018-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇ شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئەنئەنىسى ۋە ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىدىغان زىيالىيلار ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن ھەمدە ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نائىل بولغان ئىلھام توختىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.