ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى خىتايغا يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.12.07
Yawropa-ittipaqi-bash-shtabi-bayraq.jpg ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شتابىنىڭ سىرتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لەپىلدەپ تۇرغان بايرىقى. 2020-يىلى 27-يانۋار، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
AP

ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» سەۋەبىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىگە يۇقىرى تېخنىكا ۋە قورال-ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزگەن، بۇ ئېمبارگو ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا يەنە بىر قېتىم جازا يۈرگۈزدى. بۇ جازا 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن 4 نەپەر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خىتاينىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يۈرگۈزۈلگەنىدى. 6-دېكابىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە بىر قېتىم قارار ماقۇللاپ، 27 ئەزا دۆلەتنىڭ ئىشتىراكىدا خىتايغا قارىتىلغان جازانىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا يۈرگۈزگەن بۇ جازاسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، جازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كىرىشىنى چەكلەش ھەم ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جازاسىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا ئېلان قىلغانىدى. خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە گېرمانىيەدىكىلەردىن خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى مىخائېل گاھلېر، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى، «ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى رايىنھارد بۈتىكوفېر، ياۋروپادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى ھېسابلانغان مەركىزى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۆزئارا يۈرگۈزۈلگەن بۇ جازا تەدبىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشلارنىڭ باش كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك سەۋەب بولغانىدى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 6-دېكابىردىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا جازاسىنى ئۇزارتتى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ جازا خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جازانى يېڭىلاش ۋە مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولىدىغان يەنە بىر قېتىملىق سۈركىلىشنى قوبۇل قىلىشقا ھازىرلانغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇ باستۇرۇشقا قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەۋجۇت جازا تەدبىرلىرىنى يېڭىدىن ئەمەلىيلەشتۈردى ھەمدە بېيجىڭ بىلەن بولىدىغان يەنە بىر قېتىملىق جىددىي سۈركىلىش مۇناسىۋىتىنى قوبۇل قىلىشنى لايىق كۆردى». «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەنىدى. بىريۇسسېلدىكى ئەزا دۆلەتلەر مۇدىرىيىتى بۈگۈن بۇ جازانىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى». «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدىن قارىغاندا، جازا ئۇچرىغان ئۇ خىتايلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك، مەقسەتلىك تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئىنسانىيلىققا ھاقارەت قىلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىستېمىلىق تاجاۋۇزچىلىقلاردا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار». «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇنى ئىنكار قىلىپ، ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دىن ئېغىز ئاچماقتا. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1949-يىلى بېيجىڭدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، سابىق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىمەكتە».

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا جازالىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەتنى چېكىدىن بىر تېمىغا ئايلاندى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭغا ئۇلاپلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ ئامېرىكاغا ئەگىشىپ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قارارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە زەنجىرسىمان ئىنكاس قوزغايدىغان-قوزغىمايدىغانلىقىنى جىددىي مۇنازىرە قىلىشماقتا.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«د ئۇ ق ئۇچۇر تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشماقتا. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سادالىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا قارشى 300 مىليارد ياۋرولۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ ياۋروپا، ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقادا ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى ھەر ساھە رولىنى قايتىدىن نامايان قىلىش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە نىسبەتەن چەكلىمىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.