خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سەھىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كوۋىدتىن كېيىن يىرىكلەشكەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ھەل قىلىنمىدى دەپ قارىماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 24-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىرلىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشكەن.
پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكېر (Wlliam Duiker) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇش ۋە ياۋروپا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشاشلا مۇھىم. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ناھايىتى ئاكتىپ سودا مۇناسىۋىتى بار. ئىككىلا تەرەپ ئۇكرائىنادا بولۇۋاتقان ئۇرۇشقا باغلىنىپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ؛ ئىككىلا تەرەپ يەنە تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا قىزىقىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە مۇھىت مەسىلىسىدە ئىمكانقەدەر ھەمكارلىشىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ».
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە كۆپ ياخشىلىنىش بولدى؛ ئىقتىساد ۋە سودا ساھەلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگ ۋە مول نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى».
ھالبۇكى، ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىن يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىرلىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل خىتاينى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ۋە ئىسرائىل-غەززە تۇقۇنۇشىدا خىتاينى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىرىشقا باردى».
ۋىليام دايكېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، سەھىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىغىندا مۇھىم بولغىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇزىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى. بۇ يىغىندا ھەر ئىككى تەرەپ بەزى ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. قىسقىچە ئېيتقاندا، بۇ يىغىندا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرىگە قويۇلغان بولسىمۇ، بىرەر ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىق بولمىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى تەكرارلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي رەھبىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشىنى ئالدىنقى ئايدا سان فىرانسىسكودىكى بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ قايتىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.»
«فىرانسىيە 24» (فرانچە24) خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىرلىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاساسلىقى سودا مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ، سودىدا بەزى ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان؛ سودا مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىشقا خىتاي تەرەپ قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىر لىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل سودا جەھەتتە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەقسەتكە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسى يوق، ئۇلار يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈۋاتىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ».
ئاخىردا، ۋىليام دايكېر ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىر لىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئامېرىكاغا ئوخشاش كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئامېرىكىغا ئوخشاش ناھايىتى كۆڭۈل بولىدۇ ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ھوقۇق دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ ئاساسى. ئامېرىكىغا ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتىنى ۋە ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ».