«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟
2023.12.15

14-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن قاراردىن ئۆتكەن.
ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرى تەرىپىدىن «كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تارىخىي بۆسۈش!» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۇ قانۇن ئىككى يىللىق تالاش-تارتىشتىن كېيىن ئاخىرى تەستىقلانغان.
ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» گېرمانىيەنىڭ 2023-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ۋە 2024-يىلى يولغا قويىدىغان «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» دىنمۇ قاتتىق تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن ياۋروپادىكى شىركەتلەرنى ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىغا قەدەر تەتبىقلاشقا مەجبۇرلايدىكەن. گېرمانىيەنىڭ «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» 900 دىن ئارتۇق شىركەتكە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
2024-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» دا تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرەلەيمىز:
بىرىنچى، مەزكۇر قانۇن 500 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان، يەر شارى بويىچە يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 150 مىليوندىن ئاشىدىغان بارلىق شىركەتلەرگە تەتبىق قىلىنىدىكەن.
ئىككىنچى، مەزكۇر قانۇن 250 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان، يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 40 مىليوندىن ئاشىدىغان شىركەتلەرگىمۇ تەتبىقلاشقا ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
ئۈچىنچى، يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان خەتەرلىك رايونلاردا تىجارەت قىلىدىغان، تاۋارلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بازارلىرىدا ساتىدىغان چەت ئەل شىركەتلىرىمۇ مەزكۇر قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىكەن.
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، مىنېرال خام ئەشيالارنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جەرىمانە قويۇش، نامىنى بۇلغاش، تۆلەم تۆلەش، تىجارەت ئەھدىنامىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق جازالارغا ئۇچرايدىكەن.
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» دا خىتايغا ئوخشايدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھېلىھەم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ناملىرى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار ئىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن يەر شارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ گېپى ئوتتۇرىغا چىقسا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئۆرنەك سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر قانۇندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» دېيىلگەن ئېنىق بىر ماددا ياكى ئاتالغۇ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ قانۇننىڭ تۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ تۈزۈلۈشىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ھازىرغا قەدەر ياۋروپادا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن بىر قانۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ ئۆز تاۋارلىرىنى بىر دۆلەت چەكلىسە، يەنە بىر دۆلەتكە ئەكىرىپ سېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن پايدا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر قانۇننىڭ بۇ يوچۇقنى ئېتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولسىمۇ، پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن ئادىمىيلىكىنى يوقىتىدىغان بەزى شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان. خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر «بىريۇسسېلنىڭ بۇ قارارى شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىل تاللىشى ۋە ئەركىن رىقابەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دەپ قاخشىغان.