ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.04.22
yawropa-parlament-binasi-bayraq-biryusel ياۋروپا پارلامېنت بىناسىنىڭ سىرتىدا بايراقلار لەپىلدەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 31-ماي، بىريۇسسېل، بېلگىيە
REUTERS

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى بۇ ئىتتىپاق قۇرۇلغان يىلى، يەنى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلانغان. شۇندىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلەپ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ كۆپلىگەن قارارلارنى قوبۇل قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان كۆرۈنەرلىك ئىشلىرى، پارلامېنتنىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى بولغان. ياۋروپا پارلامېنتى يەنە 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى چەكلەش قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشكە تىرىشقان. تېخىمۇ كۆرۈنەرلىكى، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ چىڭ تۇرۇشىغا قارىماي، 2013-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى 2023-يىلى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىگە ئوخشاش كەسكىن ۋە ئەمەلىي ئەمەسلىكى ھەققىدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرى بىردەكتۇر. 2021-يىلى ئامېرىكا، ئارقىدىنلا كانادا، ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن گوللاندىيە، لىتۋا، چېخىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 6 دۆلەت پارلامېنتى ئىلگىرى-كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. گېرمانىيە پارلامېنتى بولسا تارىخىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىن 7 دۆلەتنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىنكاس بىلدۈردى» دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، يەنە 20 دۆلەتتىن ھازىرغا قەدەر سادا چىقمىدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟

گەرچە 2021-يىلىدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چېكىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان، بولۇپمۇ 2023-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا بولغان تايىنىشتىن قۇتۇلۇش، خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىش، ئۆز شىركەتلىرىنى كۈنسېرى ئېغىر بوھرانغا يۈز تۇتۇۋاتقان خىتايدىن چېكىندۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەسلىدە خىتاي بىلەن ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان 27 دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقىدىن قۇرۇلغان مۇرەككەپ بىرلىك بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەردە ئورتاق قاراش شەكىللەندۈرۈشى، خىتايغا ئوخشاش رەقىبلىرىگە ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قارشى تۇرالىشى ئاسانغا توختىمايدىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىختىيارىي بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى 1948-1950-يىللارغا تۇتاشسىمۇ، رەسمىي قۇرۇلغان ۋاقتى 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدۇر. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 27 بولۇپ، ئۇلار بېلگىيە، بۇلغارىيە، دانىيە، گېرمانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، خورۋاتىيە، لىتۋا، لاتۋىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، مالتا، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە، پولشا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، شىۋېتسىيە، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، چېخىيە، ۋېنگىرىيە، سىپرۇس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەنگلىيە 1973-يىلى ئەزا بولۇپ كىرگەن بولسىمۇ، 2020-يىلى ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئورگىنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا، فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىگە ۋە لىيۇكسېمبۇرگنىڭ پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگقا جايلاشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، نوپۇسى 450 مىليونغا يېقىن. يىللىق كىرىمى 20 تىرىللىيون دوللار. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 39900 دوللار. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق تىلى ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە گېرمانچە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 24 خىل تىلنى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئورتاق قوللىنىشقا ئىجازەت بېرىلگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىدە ھازىر 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم 450 مىليون نوپۇس ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ 7 مەركىزى يادرولۇق ئورگىنى ھەققىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا كومىسسىيونى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسى، ياۋروپا تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپلىگەن تارماق ئورگانلار مەۋجۇت

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى، يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئۇ 27 ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خامچوت لايىھەلىرىنى، پىلان-پىروگراممىلىرىنى ۋە قارارلىرىنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان باش ئورگان. ئۇ مەلۇم بىر قارارنى قوبۇل قىلماقچى بولسا، 27 ئەزا دۆلەتنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمىدىن كۆپى، يەنى 15 دۆلەتنىڭ كېڭەشتىكى ۋەكىللىرى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولۇشى، بۇ ئاۋاز ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %65 گە ۋەكىللىك قىلغان بولۇشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ھازىرقى 6 ئايلىق پىرېزىدېنتى بېلگىيەدىن چارلېس مىچېل ئەپەندى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان.

ياۋروپا كومىسسىيەسى

ياۋروپا كومىسسىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئىجرائىيە ئورگىنى. ئۇ ئەمەلىي ھوقۇقلۇق بىر ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق سىياسىتىنى بەلگىلەش، «ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» غا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇنىڭ مەركىزى بىريۇسسېل ۋە لىيۇكسېمبۇرگقا جايلاشقان. ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ ۋەزىپىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئورتاق سىياسىتى ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتىنى ھازىرلاش، ئىچكى تاشقى سىياسىتىنىڭ پىلان-پىروگراممىلىرىنى تۈزۈش قاتارلىق كونكرېت ساھەلەرگە چېتىلغان. ياۋروپا كومىسسىيونىنى 27 ئەزا دۆلەتلەردىن ئەۋەتىلگەن 26 كومىسسار، 1 پىرېزىدېنت باشقۇرىدۇ. ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ پىرېزىدېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نامزات كۆرسىتىپ سايلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى گېرمانىيەدىن ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن خانىمدۇر.

ياۋروپا پارلامېنتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچى زور بولغان يەنە بىر ئورگان ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئىبارەت. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىكى ئاساسلىق پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ سايلام ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ھازىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 705 نەپەر ئەزاسى بار. ياۋروپا پارلامېنتىنى سايلام بىلەن بېكىتىلگەن 1 رەئىس، 14 مۇئاۋىن رەئىس، 5 مالىيە رەئىسى باشقۇرىدۇ. بۇ باشقۇرۇش ئورگىنى «رەئىسلىك گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يېرىم يىل. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم خامچوتلار، ئىچكى تاشقى سىياسەتلەر، قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئوينايدىغان رولى ئالاھىدە زور. ئۇنىڭ بەزى قارارلارنى بەلگىلەش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە. ئەمما پارلامېنتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش، سىياسەت بەلگىلەش كۈچى يوق. ئۇنىڭ خىزمەت مەركىزى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل، لىيۇكسېمبۇرگنىڭ پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگ ۋە فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان.

ياۋروپا كېڭىشى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرىنىڭ مەركىزى ئورگىنى بولغان بولسا، ياۋروپا كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ مەركىزى ئورگىنىدۇر. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە بۇ يۆنىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بەلگىلەش. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرتنامىلىرىنى ئۆزگەرتەلىسىمۇ، قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەركىزى بىريۇسسېلغا جايلاشقان.

ياۋروپا سوت مەھكىمىسى، ياۋروپا تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى

يۇقىرىقى تۆت رەھبەرلىك ئورگىنىدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ياۋروپا سوت مەھكىمىسى ۋە ياۋروپا تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى خىزمەت ئورگىنى لىيۇكسېمبۇرگنىڭ پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان. ياۋروپا مەركىزى بانكىسى بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە داۋاملىق موھتاج ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.