ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.03.16
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز(ئادرىان زەنز) ئەپەندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا سىن ئارقىلىق جاۋاب بەرمەكتە. 2022-يىلى 16-مارت.
Roshen abbas teminligen

16-مارت كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىساد كرىزىسى، كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى قاتارلىق مۇھىم تېمىلار ھەققىدە چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بىر كۈنلۈك ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر بىلەن رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىدا شەكىللەنگەن مۇستەبىت كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسلار ئاساسلىق تېما بولغان.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى شۇئان ئۇكرائىنادىكى كرىزىسلارغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەخسۇس زامانىۋى قۇللۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچقان.

مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندىمۇ قاتناشتى.  2022-يىلى 16-مارت.

ئۇ مەزكۇر يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئىككى خىل مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى بار. بىرى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى، يەنە بىرى بولسا ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› نامىدا زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى. شىنجاڭدا ئاز دېگەندە ئىككى مىليون يەرلىك مىللەت كىشىلىرى زاۋاتلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىلمەكتە. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھازىر ئىسپاتلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خەلقئارادا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان دىققەت كۈچەيگەنسېرى خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت ئېچىدە تارقىتىدىغان ئاتالمىش شىركەتلەرنىڭ ‹نامراتلىقنى تۈگىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلمايدىغان بولدى. يېڭى تەتقىقاتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانى، يەنى 2021-2025-يىللىق پىلانىدا ئاشۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ياكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېڭى ۋەزىپە بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇرۇن ئاشۇ ئىشلتىۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توردىن تاپقىلى بولاتتى، ئازىر ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئۈچىنچىدىن، مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ. يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپى ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى پەقەت ‹ئىقتىسادنى ياخشىلاشنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاساسىي سىياسى نىشانغا يېتىش› نى مەقسەت قىلغان. شى جىنپىڭ سۆزىدە، ‹ئەمگەككە سېلىنمىغان ئۇيغۇرلار چاتاق چىقىرىدۇ› دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ نۇقتىنىڭ نىشانى بىر، يەنى سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك. شۇڭا شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى بىر قىسىم شەخسىي شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ياۋروپا پارلامېنتى چوقۇم ئامېرىكا يولغا قويغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى› غا ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئاشۇ رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى قوللىنىشتەك سىستېمىلىق سىياسىي تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.»

مەزكۇر يىغىنغا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى نەق مەيداندىن قاتناشقان بولۇپ، رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ نەق مەيداندىكى گۇۋاھلىق بېرىش ئەھۋالى ۋا يىغىندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن ئاخىردا سۇئال-جاۋاب بۆلۈمى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئادرىيان زېنىز ئەپەندىدىن ناھايىتى مۇھىم سۇئاللار سورالغان، ئادرىيان زېنىز ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى چوڭ شىركەتلەرگە قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. چوڭ شىركەتلەر ئاساسەن پاختا، كىيىم-كېچەك، سىلىكون، پەمىدۇر قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان ساھەلەرگە چېتىشلىق. يەنە بىر تەۋسىيەم بولسا، مەۋجۇت جازا تەدبىرلىرىگە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇتلۇقى ئېنىق بولغان شىنجاڭنى بىۋاسىتە نىشان قىلىدىغان قوشۇمچە ماددىلارنى قوشۇش كېرەك. ئەگەر شىنجاڭدىن ھەرقانداق مەھسۇلاتنى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى يولغا قويالمىغان تەقدىردە، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ھەرقانداق بىر شەكىلدە چېتىشلىق بولۇپ قىلىش قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق شىركەتكە نىسبەتەن تەلەپنى يۇقىرى قويۇش كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.